خىتاي ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق ئۇرۇشىنى يوشۇرۇشقا ئامال ئىزدەۋاتىدۇ

چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ مەنسەپتىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ھامان، خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق ئۇرۇشىنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، جۇ يۇڭكاڭنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مالىيە ۋاقىت گېزىتى» 5‏-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېت سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ، جۇ يۇڭكاڭ ئۆزىنىڭ ئىزباسارلىقىغا بېكىتىپ بولغان بو شىلەي ئۆتكەن ئايدا مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يۇقىرى قاتلامدا يۈز بەرگەن يەنە بىر مەنسەپتىن قالدۇرۇش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«مالىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بۇ خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» جۇ يۇڭكاڭنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى يېڭىدىن خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» جۇ يۇڭكاڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتقىدا ئېيتقان خىتاينى غەربلەشتۈرۈش-خىتاينى قالايمىقان قىلىدىغان خاتا ئىدىيە دېگەن سۆزنى قايتىدىن گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ «س س ت ۋ » سى جۇ يۇڭكاڭنىڭ، قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 800 كىلوۋولتلۇق تۈز ئېقىملىق توك تەمىنلەش قۇرۇلۇشىغا يەنە 750 كىلوۋولتلۇق توك تەمىنلەش سىستېمىسىنى قوشۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر قىلدى.

«ب ب س» نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق ئۇرۇشى پارتلاپ، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قاتتىق داۋالغۇش ئىچىدە قالغان ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقان چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مالىيە ۋاقىت گېزىتى» 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنە جۇ يۇڭكاڭ ھەققىدە يېڭى خەۋەر بېسىپ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ يېقىتىلغانلىقى ۋە ھوقۇقىنى مىڭ جەنجۇغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، جۇ يۇڭكاڭ ھازىر خىتايدا ئاللىقاچان ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى. ئۇ ھازىر سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارلىق ھوقۇقنى مىڭ جەنجۇغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەچ، مەسىلىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ يېقىتىلىشىدا ئىككى سەۋەب بار، ئۇنىڭ بىرى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرى كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت بولۇپ شەكىللەنگەن، ئىككىنچىدىن، ۋېن جاباۋ ئۇنى ھوقۇقتىن قالدۇرۇش پىكرىدە چىڭ تۇرغان. جەمئىيەتتىمۇ جۇ يۇڭكاڭنى «قان قەرزىگە بوغۇلغان ئەمەلدار» دەيدىغان كۈز قاراش ئومۇملاشقان.

«رويترس ئاگېنتلىقى» نىڭ بايان قىلىشىچە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ مەنسەپتىن قېلىشىغا، گەرچە 9 مىليون 500 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر ئەما ئادۋوكات (چېن گۇاڭچېڭ) نى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلالمىغانلىقىمۇ بىر سەۋەب بولغان.

خىتاي ھازىر مەركىزى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق ئۇرۇشىدا، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قاتتىق داۋالغۇش ئىچىدە قالغان ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقان چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەت ئىچىدە جۇ يۇڭكاڭنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر قىلىپ، جەمئىيەتكە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ھېچقانداق توقۇنۇش يوق دەپ كۆرسىتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خەلقئارادىمۇ ھەرخىل باھانە-سەۋەب تېپىپ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» بۈگۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ياپونىيىدە يىغىن ئېچىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىغا-خىتايغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون مىلىتارىستلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا تاۋاپ قىلىدىغان ياپون ئوڭچىلىرى، خىتاينى پارچىلىماقچى بولغان ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.