ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى»

ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلەپ باش كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن بىرى «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى رەخى ئەپەندىدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.09.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rexi-restoran-xojayin-305.jpg «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» خوجايىنى رەخى ئەپەندى (سولدىن 1-كىشى). 2012-يىلى 9-سېنتەبىر، گېرمانىيە
RFA/Ekrem

«تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونىدىكى بۇ رېستوراننىڭ تىجارىتى ياخشى، ئۇيغۇر يېمەكلىك مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشقا قوشقان ھەسسىسىمۇ زور.

«تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ ئىچكى قىسمى ئۇيغۇرچە چوڭ تىپتىكى رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن. ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەمەت سىزغان «مۇقام» ناملىق رەسىم ۋە «قۇملۇقتىكى كارۋان» سۈرىتىنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى رېستوران تاملىرىغا لىق كەلگەن بولۇپ، بۇ رېستورانغا قەدەم باسقان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

«تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 9-سېنتەبىر، گېرمانىيە
«تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 9-سېنتەبىر، گېرمانىيە
RFA/Ekrem

«تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» ميۇنخېن شەھىرىدىكى باشقا رېستورانلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆلىمى چوڭ، سۈپىتى ياخشى رېستورانلاردىن بىرى.

«تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ تىپتىكى ئىجتىمائىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جاي بولۇپلا قالماي، باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنلىرى ياكى چوڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە داستىخان سېلىپ كېلىۋاتقان بىر رېستوراندۇر. بۇ رېستوران ھازىر ئىككى قەۋەت قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا بېزەلگەن ئۈستۈنكى قەۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەرىكىلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان.

رېستوران خوجايىنى رەخى ئەپەندى ئەسلىدە خىتاي تىلىدا ئوقۇغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچىسى بەك راۋان بولمىسىمۇ، زىيارىتىمىز داۋامىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا مۇمكىن قەدەر تولۇق جاۋاب بېرىشكە تىرىشتى. دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى بۇ زىيارەتتە بولغاي.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» خوجايىنى رەخى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.