رادىئومىز مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇ مەكتەپتىكى ئىقتىسادىي پەنلەر دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن تاللانما دەرسى «شىنجاڭنىڭ نوپۇسى، بايلىقى ھەم تەرەققىياتى ھەققىدە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات» ناملىق دەرسىنى تاللاشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەم ئىلھام توختى مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ دەرسى بۇ يىللاردا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنىپ كېلىنىۋاتقان دەرس بولۇپ، ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بارغانچە كۆپەيگەن. ئەمما يېقىندىن بۇيان ئىلھام توختىنىڭ لېكسىيىلىرىگە قارىتىلغان نازارەت بارغانچە كۈچەيتىلگەن. ئىلھام مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان ھەم ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇربىز تورىدا ئىلھام توختىنىڭ دەرسنى تاللاشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ تورىدا بۇ مەۋسۇملۇق دەرس تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئىلھام مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى تىزىملاتقانلار سانى 59 نەپەرگە يەتكەن. ئەمما 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن بۇ دەرس مەكتەپ تورىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاللاش تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. مەكتەپ دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشمۇ بەرمىگەن. ئۆتكەن ھەپتە ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەھۋالنى ئىلھام مۇئەللىمگە ئىنكاس قىلغىنىدا ئىلھام مۇئەللىم بۇ ئىشتىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم 9-سېنتەبىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىلھام توختى دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن 30 نەچچە ئوقۇغۇچىغا ئۆز ۋاقتىدا دەرسىنى ئۆتكەن.
بىز ئىلھام توختى ئەپەندىدىن ئۇنىڭ دەرسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىنى سوراپ تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى دەرسىنى نورمال ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەپتە پەيشەنبە كۈنى كەچتە فاكۇلتېتنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتىپىنىڭ ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭ دەرسىنى تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى يېتەرلىك بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ مەۋسۇمدا ئۆتمەكچى بولغان «شىنجاڭنىڭ نوپۇسى، بايلىقى ھەم تەرەققىياتى ھەققىدە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات» ناملىق تاللانما دەرسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى مەكتەپ تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بۇ لېكسىيىسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ لېكسىيىسىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەم رايوندىكى نوپۇس، بايلىق تەقسىماتى قاتارلىق بىر قەدەر سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلانغان، تەتقىقات خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان دەرس بولغىنى ئۈچۈن مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن توختىتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە قارىتىلغان نازارەتنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ئالاقىلىرىنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىغا ئۆزى كىرەلمىگەن ھالەتتە ئۇنىڭ بىلەن خەت ئالاقە قىلىدىغان تونۇشلىرىنىڭ ئىلھام توختى نامىدىكى ئېلېكترونلۇق يوللانمىلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تورداشلارنى ئۇنىڭ نامىدا كەلگەن يوللانمىلارنى ئاچماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى خىتاي ئىچى ۋە خەلقئاراغا تونۇتۇشتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەم پائالىيەتلىرى بىلەن، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇرلارغا دائىر سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغۇچى زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇربەكرى تەرىپىدىن «ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە قۇتراتقۇلۇق رول ئوينىغان» دەپ ئەيىبلىنىپ، بىرنەچچە قېتىم نەزەربەند قىلىنىپ سوراق قىلىنغان ھەم بارلىق ئىش پائالىيەتلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.