ئىلى ۋادىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرىغا نەزەر
2011.01.17
ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ سۆيەر روھ كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر مائارىپى تارىختىن بۇيان پەقەت ئۇز كۈچىگە تايىنىپ،يىقىلسا يەنە مۈدۈرۈپ قوپۇپ يولىنى داۋاملاشتۇرغان، ھۆكۈمرانلار بىلەن بولغان ئۇز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ياكى قالالماسلىق كۈرىشىدە ناھايىتى ئېغىر بەدەللەر تۈلىگەن مائارىپتۇر.
ئۇيغۇر مائارىپى خۇددى بۇ مائارىپنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ئېغىر بوران چاپقۇنلارغا، يوقىلىش ۋە مەۋجۇت بولۇشتەك ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە تارىخنىڭ رەھىمسىز چۆل-جەزىرىلىرىدە ئاجايىپ ئۆلمەس مائارىپ روھىنى يېتىلدۈرگەن مائارىپ.
كەسكىن قىلىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ سۆيەر روھ، ئۇيغۇرلاردىكى ھازىرقى ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى بىئەپلىكى ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ تەھلىل قىلغاندا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىلغار مائارىپتىكى مىللەتلەردىن قىلىشمايدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى تارىختا ئۆز بېشىغا قانداق رەھىمسىز قىسمەتلەر كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تاشلاپ قويغان مىللەت ئەمەس.
ئۇيغۇرلار ئەگەر مائارىپنىڭ، مەكتەپنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە، چىشلەپ يەۋاتقان نېنىنىڭ يېرىمىنى، يانچۇقىدىكى بىر يۇئەن پۇلىنىڭ 50 پۇڭىنى بېرەلەيدىغان مىللەت.
ئەگەر سىز ئۇيغۇر توي-تۆكۈنلىرى، نەزىر-چىراغلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلىرىغا بېرىپ خەلق رايىغا باققىنىڭىزدا، كىشىلەرنىڭ: "ئۇ ھەرقانچە پۇل تاپتىم دېگىنى بىلەن ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى مەكتەپكە يۈز سوم ياردەم قىلىپ قويغىنى يوق، ئادەم دېگىلى بولامدۇ ۋاي ئۇنى" دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلايسىز. مانا بۇلار ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ سۆيەر روھنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنىڭ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ھاياتى ۋە ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىغا نىسبەتەن ھەممە كىشىدە تونۇشنىڭ بىردەكلىكىنىڭ مىسالىدۇر.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ سۆيەر روھ بۇ زېمىنغا نېمىلەرنى سوغا قىلدى؟
ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ سۆيەر روھ ھەققىدە گەپ بولغاندا، ئالدى بىلەن ئىلى ۋادىسىدىكى 95% ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى مائارىپ سۆيەر روھقا ئىگە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز، غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ ھەرقانداق بىر مەكتەپنىڭ نامىنى سورىغىنىڭىزدا، ئۇ بىر ئۇيغۇر باي سالغان ۋە ياكى كوللېكتىپ سالغان مەكتەپ بولۇپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات مۇتائالىيە خەلپەت تەرىپىدىن سېلىنغان 4-باشلانغۇچ تائالىيە مەكتىپى، 10-باشلانغۇچ جۇماخۇن مەكتىپى، 21-باشلانغۇچ ئايخان ئانا مەكتىپى، 22-باشلانغۇچ ياردەم مەكتىپى، 19 -باشلانغۇچ مۇرات مەكتىپى، 2-ئوتتۇرا ھۈسەيىن بەگ ئۈمىد مەكتىپى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن تارتىۋېلىپ 3-ۋە 8-ئوتتۇرا خەنزۇ مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى قىزلار بىلىم يۇرتى ۋە ئىلى گىمنازىيىسى، غۇلجا شەھەر كىپەك يۈزى يېزىسىدا ياشاپ ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات مۇنەۋۋەر ئەمىن تەرىپىدىن سېلىنغان كېپەك يۈزى ئارمان باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئادالەت ئوتتۇرا مەكتىپى شۇنداقلا غۇلجا شەھەر 13-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، 1952-يىلى يېڭى قۇرۇلغان خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە ئۆمەك ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئۇيغۇرلار مەدىنى -مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئەينى دەۋرلەردە پۈتۈن خىتاي بويىچىمۇ ئەڭ ئىلغار سەۋىيىدە ماڭغانلىقى، ئۇيغۇر يېڭى دەۋر مائارىپىنىڭ خىتاي مائارىپىدىنمۇ ئىلغار ۋە ئالدىنقى قاتاردا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياردەمچىسى،ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇبەيدە شەمشىدىن خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
2002-يىلى ئىلى دەرياسى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇم بىر ئەدەبىي ئاخباراتتا، ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ سۆيەر روھى ھەققىدە توختالغان پېشقەدەم ئۇيغۇر مائارىپچىسى توختاخۇن ناسىرى ئەپەندىنىڭ ئەينى دەۋردە غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا ستالىن مەكتىپى قۇرۇلغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنلىكى يېزىلغان.
"غۇلجا شەھىرىدە رۇسلار تەرىپىدىن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ سېلىنماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان غۇلجا خەلقى قوزغىلىپ كەتتى. ھەر كۈنى پۇلى بارلار پۇل، پۇلى يوقلار ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپ ياردەم قىلىپ، مەكتەپ قورۇسىدا ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي بىر قاينام-تاشقىنلىق ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدىكى ياردەم بۇيۇملىرى ئىچىدە دەستە-دەستە چايلارمۇ بار ئىدى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.