يىغىنغا تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىلار، تۈركولوگ ئالىملار ۋە گەبزە ئالىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا گەبزە ئالىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق رېكتورى ئابدۇلقادىر ئاكچىن "ئىلىم تارىخىغا تۆھپە قوشقان تۈرك ئالىملىرى" دېگەن تېمىدا، ژۇرنالىست ئىسمائىل قاھرىمان "تۈركىستان جۇغراپىيىسى ۋە خوراسان مەدەنىيىتى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. كېيىن ئۆزى ئىشلىگەن، تۈركىستان ۋە خوراساننى ئەكىس ئەتتۈرگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى تەقدىم قىلدى.
ژۇرنالىست ئىسمائىل قاھرىماننىڭ بۇ يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن، "تۈركىستان جۇغراپىيىسى ۋە خوراسان مەدەنىيىتى" تېمىدىكى ماقالىسى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ ماقالە شۇ كۈنى گەبزە گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىختىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.