تۈركىيىدىكى مەزلۇملار جەمئىيىتى 2010 ‏- يىللىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى(1)

مەزلۇم دەر ئىسىمى بىلەن تونۇلغان "ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ھەمكارلىق جەمئىيىتى" تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە 2010 ‏- يىللىق دوكلات ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

مەزلۇم دەر جەمئىيىتى ھەر يىلى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى دېگەن نام بىلەن 92 بەتلىك بىر دوكلات تەييارلىغان ۋە بۇ دوكلاتنى ژۇرنال شەكىلدە نەشر قىلدۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەرگە تارقاتماقتا.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلگەن. خىتاينىڭ سوت مەھكىمىسى ۋە ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان. دوكلاتتا يەنە، تۈرمىلەردىكى ناھەقچىلىقلار، بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىلەردە ئىسكەنجە ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىش، نامايىش قىلىشقا يول قويماسلىق ۋە توپلىنىش ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسىلىلىرى، تەشكىللىنىش ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنى كۈچۈشكە مەجبۇر قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ دەلىل ‏- پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە، ئېتنىك ۋە دىنىي ئايرىمچىلىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پىلانلىق توغۇت ۋە توغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار دەلىل ‏- پاكىتلار بىلەن يېزىلغان.

دوكلاتتا يەنە، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسىي جاۋابكار ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئىيۇلدا شەرقىي تۈركىستاندا نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بۇ نامايىشچىلارغا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق قول سېلىشىغا پۈتكۈل دۇنيا قارشى چىقتى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇ رايونغا تارتتى. 7 ‏- ئايدا ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنلەردە ساناقسىز ئىنسانلار تۇتقۇن قىلىندى ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان مىڭلىغان كىشىلەردىن، ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنمىدى. خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسەتمىدى ۋە بۇنىڭدىن جاسارەتلەنگەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى دەپسەن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەزلۇم دەر جەمئىيىتى 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئاۋازىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ مەيدانغا چىقتى، خىتاي دائىرىلىرىگە ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەلەپ سۇندۇق ئەمما رەت قىلىندى. بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ ئاساسىي مەنبەسى خىتاينىڭ باشقۇرۇش سېستىمسىدا ۋە ئەدلىيە سېستىمىدا كۆرۈلمەكتە. خىتاينىڭ سوت قىلىش سېستىمىسىغا قارايدىغان بولساق، ئاساسىي مەسىلىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە ۋە قانۇن چۈشەنچىسىدىكى پەلسەپەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ھازىرقى سېستىمىسىدا، كوللېكتىپ ھوقۇقلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن پۈتكۈل شەخسلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بار. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن بىرى گۇرۇپپا شەكىلدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىلەردە قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىش. تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى، ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ ۋە ئەمگەك قىلىش لاگېرىدا ئېغىر ئىشقا سېلىنىدۇ. گۇرۇپپا شەكىلدە تۇتقۇن قىلىنىش، تۈرمىلەردە قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىنىش، تويۇقسىز يوقاپ كېتىش، تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن ئۇزۇن زامان خەۋەر ئالالماسلىققا ئوخشاش ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كۈندۈلۈك ۋەقەلەردۇر. خىتاي قانۇنلىرىدا ئىسكەنجە ۋە قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنمايدۇ. ئىسكەنجە ۋە قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىش، بېسىم قىلىش دۆلەت سىياسىتىنىڭ ۋاستىسى ھالىغا كەلدى.

دوكلاتنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بولمىغان، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن بىرى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىش ‏- چىقىشىغا چەكلىمە قويۇش، مەسچىتلەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئېسىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا مەسچىتلەرگە كىرىش ۋە ئىبادەت قىلىش چەكلەنگەن كىشىلەر بەلگىلەنگەن. ئوخشاش رايوندىكى بۇددىستلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۇ خىل چەكلىمىلەر يېزىلمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ھەم دىنىي، ھەم مىللىي ئايرىمچىلىق قىلماقتا. بۇنى يوشۇرماستىن ئاشكارا ئېلىپ بارماقتا.

دوكلاتتا يەنە، مەزلۇم دەر جەمئىيىتى بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار ئېلىپ بارغان خىزمەت نەتىجىسىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شەرتسىز خاتىمە بېرىش، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ شىنجاڭ دېگەن ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ۋە رايوننى ئاسسىمىلىياتىسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، خىتاينىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا چەكلىمە قويماسلىق ۋە قايتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، شەرقىي تۈركسىتاندا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان تەشكىللىنىش، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش، رايونغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەشنى توختىتىش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشكە خاتىمە بېرىش، رايوندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئايرىمىچىلىققا خاتىمە بېرىش، خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن قانۇنلارنى تۈزۈش، شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتوم بومبا سىناق قىلىشقا خاتىمە بېرىش، پىلانلىق تۇغۇت ۋە تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى بىكار قىلىش، ئاياللارغا قانۇنسىز توغدى دەپ جىنايەت ئارتماسلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە رايوننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ پىلانلىق توغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خىتايغا چاقىرىق قىلدى.

مەزلۇم دەر جەمئىيىتى دوكلاتتا يەنە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسلىرىگە خىتاپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر قانچە نۇقتىلاردا دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق يازغان: جەمئىيىتىمىز ھۆكۈمەتتىن، خىتاي بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ھەر قانداق مۇناسىۋەتلەردە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشاش رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى بۇنىڭغا قارىتا بەلگىلەش. شەرقىي تۈركىستانلىقلار بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئەھۋالدا، كۆچمەن ئۇيغۇرلارغا ھەر تۈرلۈك شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قۇربانى قىلماسلىق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى تاشقى سىياسەتنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە ئالدىنقى قاتارغا قويۇش. ھەر خىل يوللار بىلەن كېلىپ تۈركىيىدە پاناھلىق تەلەپ قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلار دۈچ كېلىۋاتقان، ئىقامەت كېنىشكىسى، ۋىزا، ئىشلەش روخسىتى ئېلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتلىرىنى كۆتۈرۈش، تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ۋە ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.