ئىنسانلار قانداق ھەق ‏- ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغىنىغا 60 يىل بولغان، " دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى "دا ھەر قانداق ئىنساننىڭ مەيلى ئۇ ئايال بولسۇن، ئەر بولسۇن، مەيلى ئۇ قانداق ئىرق ۋە مىللەتكە تەۋە بولسۇن، مەيلى قايسى تىلىدا سۆزلىسۇن ۋە ياكى قايسى دۆلەت ۋە رايونغا تەۋە بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بىردەك باراۋەر ھوقۇق ھەم ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇش ھەم ئۆزىنىڭ ھەق ‏- ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەتتا غۇرۇرىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ماددىلار بار.

0:00 / 0:00

دۇنيادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر ھەممىسىنىڭ مەزكۈر كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىغا ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز تېررىتورىيىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى بار. جۈملىدىن خىتايمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇچۇر ۋاستىلىرى كەمچىل بولۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى مەزكۈر خىتابنامە مەزمۇنىدىن يەنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىدىن خەۋەرسىز كىشىلەرنى، رادىئو دولقۇنلىرىمىز ئارقىلىق دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق. ئۇنداقتا ئىنسانلار قانداق ھەق ‏- ھوقۇقلاردىن باراۋەر بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ؟

دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى بىلەن يەنىمۇ تەپسىلىي تونۇشۇشنى خالىغان ئىخلاسمەنلىرىمىز يەنە، تۆۋەندىكى تور ئادرىسى ئارقىلىق مەزكۈر خىتابنامە ماددىلىرىنى تولۇق كۆرۈپ چىقالايدۇ.

دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ تور ئادرىسىOpens in new window ]

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ماددىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.