ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەرلىكى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن پۈتۈن ئىنسانلار بىر ئائىلىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاتا ۋە بىر ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇلار بولسىمۇ ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەۋۋا. ئەھۋال مۇنداق ئىكەن، بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن ئۈستۈن كۆرۈشكە ئورۇن يوق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.10.03

ئىلاھىي چاقىرىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلىك، ئەقىل - ئىدراكلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ياراملىق قىلىپ يارىتىلغان.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ھاجىم ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەرلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: " مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى " ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:" ئىنسانىيەت يارالغاندىن بىرى ئۇلارغا يولباشچى پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا ئىناق، خاتىرجەم ۋە بەختلىك ياشاش يولىغا چاقىرىپ كەلگەن. ئىلاھىي چاقىرىق پۈتۈن ئىنسانلارغا ئورتاق قارىتىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:" ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتى(ھەۋۋا) نى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار"، " ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر." بۇ ئىككى چاقىرىق قۇرئان كەرىمدە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەۋرات، ئىنجىل ۋە باشقىمۇ ساماۋىي كىتابلاردا كەلگەن پۈتۈن چاقىرىقلارنىڭ نەمۇنىسىدۇر. بۇ چاقىرىق ئىنسان بالىلىرىنىڭ مەيلى ئىنسانلىق ھۆرمەتتە بىردەك ئىكەنلىكىنى، ئىسسىق بەلۋاغدا ياشىغانلار بىلەن سوغۇق بەلۋاغدا ياشايدىغانلار، ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلىقىنى، زېمىن ئەھلى مەيلى نەدە ياشىمىسۇن ھەممىسى باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلاشقا يېتەرلىكتۇر. ئىنسانلارنىڭ تىل، رەڭ، ئىرق ۋە تۇغۇلغان جايلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقتا باراۋەر ئىكەنلىكىگە قەتئىي تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇلار پەقەت بىر باغچىدىكى گۈللەرنىڭ رەڭگارەڭلىكتە بىر - بىرىدىن پەرقلەنگىنىگە ئوخشاشتۇر، بەس. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم كىشىلەرنى رەڭگى، تىلى، دىنى ۋە ئىرقىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك چەتكە قاقمايدۇ. بەلكى مۇنداق ئوخشاشماسلىقنى ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ بىر دەلىلى دەپ بىلىدۇ. قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار."

ئىنسانلاردىكى بۇ خىل ئوخشاشماسلىق ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشى ۋە بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:" ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر." پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:" ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ياراتقۇچىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىردۇر. ھەممىڭلار ئادەمدىن، ئادەم بولسا تۇپراقتىن كەلگەندۇر. ئاللاھنىڭ يېنىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغىنىڭلار تەقۋا بولغىنىڭلاردۇر. ئەرەبلەرنىڭ باشقا مىللەتلەردىن، باشقىلارنىڭ ئەرەبلەردىن، قىزىل تەنلىكلەرنىڭ ئاق تەنلىكلەردىن، ئاق تەنلىكلەرنىڭ قىزىل تەنلىكلەردىن تەقۋالىقتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق. ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئى ئاللاھ بۇنىڭغا گۇۋاھ بولغايسەن! ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن!"

مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارنى چەتكە قاقمايدۇ

ئابدۇلكەرىم ھاجىم مۇنداق دېدى:" مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى مۇئەززىنى، شۇنداقلا ئىسلام تارىخىدا بىرىنچى قېتىم مۇئەززىن بولغان كىشى ئېپوپىيەلىك قاراتەنلىك قۇل بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى قىلىپ بېكىتكەن كىشى قارا تەنلىك ئۇسامە ئىبنى زەيد ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئەبۇ زەر قارا تەنلىك بىر كىشى بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ، ئۇنى 'ھەي قارا ئايالنىڭ بالىسى' دەپ ھاقارەتلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە ئەبۇ زەرگە كايىپ:" سەن ئۇنىڭ ئانىسىنى تارتىپ ھاقارەتلىدىڭمۇ؟ سەن تېخىچە جاھىلىيەتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان ئادەم ئىكەنسەن" دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، مەزكۇر قارا تەنلىك كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ' مېنىڭ يۈزۈمگە دەسسىمىسەڭ ئۆزۈمنى قەتئىي كەچۈرمەيمەن' دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يەرگە قويۇپ ياتقان."

ئابدۇلكەرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمانلار شۇ ئۇزۇن تارىختىن بىرى ھەقىقىي چوڭ ئاللاھ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم چوقۇنۇشقا ۋە قورقۇشقا ئەرزىمەيدۇ، ئىنسانلار خۇددى تارغاقنىڭ چىشلىرىدەك ئوخشاش باپ - باراۋەردۇر، دېگەن ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن. شۇڭا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇسۇلمان ئادەم ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ رەڭگى، تىلى، ئىرقى، دىنى ۋە تۇغۇلغان جايلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئايرىم مۇئامىلىدە بولمايدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.