خىتايدا ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان كەمسىتىش ھەر خىل يوسۇندا داۋاملاشماقتا

خىتايدىكى تور بەتلەردە لاتىن يېزىقىدا ئۇيغۇرچە سۆز كىرگۈزۈش پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى خىتاي ئىنتېرنېت ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يەنە بىر كەمسىتىش ھەرىكىتىدىن دېرەك بېرىدۇ.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانسىمىزغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى شۇنداقلا ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ قات توسالغۇلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئۇچۇر ئالاقىلەردىن پايدىلىنىشى تېخىمۇ قاتتىق يوسۇندا چەكلەندى. ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت تور ئالاقىسىنىڭ 11 ئايچە تاقىۋېتىلىشى، بارلىق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ تىزىملىنىپ تەكشۈرۈلۈشى، يۈزلىگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان ئۇچۇر تارقاتتى دېگەنگە ئوخشاش قالپاقلار بىلەن تاقىلىپ، تور بەت ساھابىلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا قولغا ئېلىنىشى ھەتتا جازاغا ئۇچرىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىسپاتى.

ئەمما دەل بۇ پەيتتە خىتاي تور بەتلىرىدە بولسا خىتايلار تەرىپىدىن ئەركىن ھالدا ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان،ھەتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈچلۈك مىللىي ئۆچمەنلىك ئىپادىلەنگەن «ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتەيلى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شاۋگۇەندىكىدەك ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تېررورىست....» دېگەندەك سۆز جۈملە ھەتتا ماقالىلەرمۇ قويۇلدى. خىتاي تور بەتلىرىدە كۈچلۈك مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى بۇ خىل ھالەت ھېلىھەم مەۋجۇت. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە خىتايدىكى شياۋگۇەن ۋەقەسىدەك قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەمسىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىك تارقاتقان بۇ تور بەتلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھېچقانداق توسالغۇ ياكى سوراققا ئۇچرىمايدۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرى ھەم تور قوللانغۇچىلىرىغا بولغان نازارەت، چەكلەش ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى.

«ئۇيغۇر بىز» تور بېتىنىڭ سەۋەبسىزلا 10 قېتىملاپ تاقىلىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ساھەسىدىمۇ خىتاي بىلەن باشقا مىللەتلەرگە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا باراۋەر سىياسەت يۈرگۈزمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىنتېرنېت ساھەسىدىن پايدىلىنىشىغا بولغان چەكلىمە، ھەتتا خىتاي ئىچىدە ئېچىلغان تورلاردىن پايدىلىنىشقىچە كېڭەيگەن بولۇپ، يېقىندا ئىستانسىمىزغا ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەمسىتىش داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەۋەتكەن ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىش مەسىلىسىنىڭ، خىتاينىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكى، گەرچە خىتاي ھەق-تەلەپ قانۇنلىرىدا بۇ خىل مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش دۆلەت قانۇنى سۈپىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىغان بولسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ۋە قول قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپمۇ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىڭ يولىنى ئىزدىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتتى.

مەمەت توختى ئەپەندى تىلغا ئالغاندەك، گەرچە خىتاينىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەردە ھەقىقەتەن مىللىي كەمسىتىشكە دائىر ئۇقۇملار بىۋاسىتە كۆرسىتىلمىگەن، نوقۇل ھالدا دۆلەت قانۇنىي سۈپىتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىغان بولسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «ھەر قايسى مىللەتلەر ھوقۇقتا باب باراۋەر» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا خىتاي قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ماددىلار ئاساس سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن خىتاينىڭ 1998 يىلى 3-ئايدا ئىمزالىغان «گراژدانلىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نىڭ 26-ماددىسىدا «ھەر قايسى دۆلەت گراژدانلىرى قانۇن ئالدىدا باب باراۋەر ھەمدە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش ۋە كەمسىتىلمەسلىك ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ بەلگىلەنگەن.

نۆۋەتتە مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى خىتايدا ئوخشاشلا كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان باشقا مىللەت پۇقرالىرى بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئالاقىدار قانۇن تۈزۈپ چىقىشىنى جىددىي مۇراجىئەت قىلماقتا.