ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

يېقىندا ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاشتۇرۇشنى 20 پرسەنت ئاشۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىراننىڭ قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇران ئارقىلىق يادرو قوراللىرى ياسايدىغانلىقىغا دائىر گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىرانغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق ئىمبارگو قويۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.
مۇخبىرىمى ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.03.01
iran-missile-test-305 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﯚﻟﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئاتوم ئېنېرگىيە مەركىزىدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، مەركەزنىڭ باشلىقى يۇكىيا ئامانو ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئىران ئېيتقاندەك "تىنچلىقپەرۋەر" دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەركەز ئىلگىرى بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىدىمۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ياساش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۈگۈن ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە مەركىزى باشلىقى يۇكىيا ئامانونىڭ بۇ سۆزنى قىلىشىنى مۇنداقچە ئېيتقاندا "ئىران ھەقىقەتەن يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتامدۇ ياكى يوقمۇ؟" دەيدىغان تالاش - تارتىشلارغا بېرىلگەن بىر خاتىمە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ دىنىي لىدېرى ئالى ھامەينىي خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە مەركىزىنى تەرەپبازلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى بۇ مەركەزنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئىران ھۆكۈمىتىمۇ يادرو قورالى ياسىماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

ئەمما ئىران بۇنى قانچىلىك رەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىشى ۋە سۆھبەتكە ئوتتۇرىدىغانلىقىنى بىر قوبۇل قىلىپ، بىر رەت قىلىپ تۇترۇقسىز ھەرىكەت قىلىشى خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن "ئىران قەستەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئۇتماقتا" دەپ قارالماقتا . ھازىر بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىرانغا دەرھال ئىمبارگونى ئارتتۇرۇش تەرەپدارى بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىدىن بىرى بولغان خىتاي بۇنى رەت قىلىپ، مەسىلىنى دېپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى ياقلىماقتا.

ستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۆزلەم پىنارنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشتا تەمكىن بولۇشنى ئېيتىپ، ئىشنى كەينىگە سوزۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقان ئىشلار ئىرانغا ئېمبارگونىڭ ئاللىقاچان باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن، رۇسىيىنىڭ يېقىندا ئىرانغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان "س - 300 تىپلىق" باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيىلىرىنى "ئازراق مەسىلە چىقىپ قالدى" دېگەن باھانە بىلەن توختىتىپ قويۇشى بۇنىڭ بىر ئىپادىسى. ئۇ ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىمبارگولار ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر باشلىنىش.

تەتقىقاتچى ئۆزلەم پىنارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇنىڭ يېقىندا موسكۋاغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئۇزۇندىن بېرى رۇسىيىگە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىر مۇئاۋىنى موشە يائالون باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەتمۇ بېيجىڭغا بارغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتونمۇ 2 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىرانغا ئىمبارگو جازاسىنى ئېغىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىرانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن قولتۇق دۆلەتلىرىدە زىيارەت ئېلىپ بارغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىرانغا ئىمبارگو مەسىلىسىدە خىتاينى ماقۇل كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئىراننىڭ يادرو پىلانلىرى جىددىي بىر تەھدىت دەپ قارىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاينىڭ پاسسىپ تۇرۇۋېلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە خىتاينىڭ ئىراننىڭ تەرەپدارى بولۇشىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىماقتا.

بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان ئېنېرگىيە تىجارىتى بولۇپ، ئىران خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان 3 - چوڭ دۆلەت.

ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ نېفىت زاپىسى ۋە نېفىت بۇرغىلاش تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىرانغا 100 مىليارد دوللار قىممىتىدە مەبلەغ سېلىش ئىش پىلانلىرى بار. بۇمۇ كەلگۈسىدە خىتايغا زور مىقداردا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرى.

ئۈچىنچىسى، ئىراننىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ياخشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ھەممىدىن مۇھىمى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئازايتىشىغا يارايدىغان بولۇشى.

گەرچە دۇنيادىكى كۈزەتكۈچىلەر ئاساسەن خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىكىدىن ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشنى ياقىلىمايۋاتقانلىقىدەك بىر نەتىجىدە ئورتاقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە چىقىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە خىتاي مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ياندىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەنە بىر ياندىن خىتاينىڭ مەسىلىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىران بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

شىنخۇا خەۋەر تورى مۇلاھىزىسىدە، "ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ھازىر بىر ياندىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىلغا ئالسا، يەنە بىر ياندىن ئىراندىكى ئۆكتىچى لىدېرلارنى ۋە ياشلارنى قۇتراتماقتا، ئامېرىكا بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىگە مەيدان ھازىرلىماقتا" دەپ باھا بەرگەن.

ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۆزلەم پىنارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش قارارى كەسكىن. خىتاي ئاغزىدا "سەۋرچان بولۇپ، مەسىلىنى دىپلوماتىيە بىلەن ھەل قىلىش" كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان قوساق ئۇرۇشى سەۋەب بولماقتا ۋە ئىران ھەر دائىم بولغىنىدەك، خەلقئارا بېسىملارغا قارىماي ئۇران تاۋلاشنى داۋام قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.