ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانى ھەققىدىكى يېڭى ئىنكاسلار

يېقىندىن بۇيان ئىران مەسىلىسى خەلقئارادىكى بىر «ئوت نوقتىسى» بولۇپ قالدى. بۈگۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانى ھەققىدىكى يېڭى بايانات، سۆھبەت ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-01-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرەتتە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇرى كادوبنوۋ 18 - يانۋار كۈنى ئىرانغا قارىتا قويۇلىۋاتقان سودا چەكلەش سىياستىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.v
سۈرەتتە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇرى كادوبنوۋ 18 - يانۋار كۈنى ئىرانغا قارىتا قويۇلىۋاتقان سودا چەكلەش سىياستىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.v
AFP

«نيۇيورك تايمىس» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرى باش شىتابىنىڭ باشلىقى، گېنېرال مارتىن دېمپسەي بۈگۈن ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلدى. پەرەز قىلىنىشىچە، گېنېرال مارتىن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن ئىران مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ، ئىسرائىلىيىنى دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى يېقىندا، دۇنيانىڭ ئىرانغا ئىشلەتكەن بسىمىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق كېلىشم ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىلا يادرو دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ھازىر ھىندىستان، پاكىستان، شىمالىي كورىيىلەرنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيىنىمۇ يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەت دەيدىغان كۆز قاراش مەۋجۇت.

فرانسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى بۈگۈن دۇنيانى، ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىراننى يادرو قورال پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرۈشتە، ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلىنىدىغان بىردىن - بىر ياخشى چارە - ئىراننى ئىقتىسادىي جازالاشنى كۈچەيتىش، يەنى ئىراندىن نېفت سېتىۋېلىشنى توختىتىش ۋە ئىراننىڭ مەركىزى بانكىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ئالاين جۇپپېنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى )كېلەر دۈشەنبە كۈنى( ئىران نېفىتىنى بايقۇت قىلىش ۋە ئىراننىڭ چەتئەل بانكىلىرىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىش چارىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانى مەسىلىسى دۇنيانىڭ جىددىي مەسىلىلەر كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، نېفىت ئىمپورتىنىڭ 58% ى ئىراندىن كېلىدىغان، نېفىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىران، سۈرىيىلەرنىڭ ئۆز خەلقىنى قوراللىق باستۇرۇشىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، ئىراننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار ۋە ئەرەب خەلپىلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلدى. بۇ دۆلەتلەر ئىراننىڭ ھورمۇز قۇلتۇقىنى تاقاش توغرىسىدىكى تەھدىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەر ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدىن كېيىن، بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئىران مەسىلىسىنى ھەربىي ۋاستە ئارقىلىق ھەل قىلىشقىمۇ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋېن جاباۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئىرانغا ھەربىي ۋاستە قوللىنىلسا، بۇ، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ تەققىياتىغا دەخلى قىلغانلىق ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا، دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىك بولىدىكەن. خىتاي ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ گوچىڭ، ۋېن جاباۋنىڭ باياناتىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي ھەرگىز ئىراننى دەپ دۇنيا بىلەن ياتلاشمايدۇ، دېگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ تېخنىكا تارماقلىرى بۈگۈن، ئىراندىن S - 300 بەلگىلىك ئايروپىلان ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈچۈن ئالغان دۇگۋار پۇلنى قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ب د ت 2010 - يىلى 6 - ئايدا مەخسۇس مۇشۇ مەسىلىسدە بىر قارار چىقىرىپ، موسكۋانى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، رۇسىيە دائىرىلىرى ئىران بىلەن تۈزگەن دۇگۋارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغان ئىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، كۈندىلىك نېفىت سەرپىياتىنىڭ 30%ى ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تۈركىيىمۇ، بۈگۈن «زامان گېزىتى» ئارقىلىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىرانغا قارىتا نېفىت ئىمبارگوسى قىلىش چارىسىنى تولۇق ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان، ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى قوللىنىلسا كاملاپ كېتىدىغان كۈندىلىك نېفىت سەرپىياتىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق تولدۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئويۇشتۇرۇۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت