مەككىدە چاقىرىلغان «ئىسلام ھەمكارلىق پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى»دا ئېلىنغان قارارلار

15 - ۋە 16 - ئاۋغۇست كۈنلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررە شەھىرىدە چاقىرىلغان«ئىسلام ھەمكارلىق پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيى»نىڭ قارارلىرى ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.08.17
islam-hemkerliq-yighini-seudi-mekke-305.png ەككىدە چاقىرىلغان«ئىسلام ھەمكارلىق پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى»دىن بىر كۆرۈنۈش
AFP


قۇرۇلتايغا 57 ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەئىسلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، مەسچىت ھەرەمنىڭ يېنىدىكى«سافا قەسرى»دە ئېچىلغان ۋە ئىككى كۈن داۋام قىلغان قۇرۇلتايدا تۆۋەندىكى قارارلار ئېلان قىلىندى:

1.ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى«سىلەر ھەممىڭلار بىر ئۇممەتسىلەر» ۋە «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئايرىلماڭلار» دېگەن ئۇلۇغ كالامىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلغان ھالدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە ئىناقلىقنى قوغداش يولىدا قولدىن كەلگەن چارە ۋە تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىش.

2.«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»مۇندىن ئىلگىرى چىقارغان بارلىق قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا ھەممە بىردەك كۈچ چىقىرىش.

3.پەلەستىن مەسىلىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق كرىزىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.

4.پەلەستىننىڭ قۇدۇس شەھىرىدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ قېلىش، ئۇ جايدىكى مەسچىت ئەقساغا كېرەكلىك ياردەملەرنى توپلاش.

5.ئىسرائىلىيىگە غەززە شەھىرىدىكى ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش. بۇ توغرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىش.

6.قۇرۇلتاي ئىسرائىلىيىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلەيدۇ ۋە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

7.قۇرۇلتاي سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ قېنىنى ئېقىتىش جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە سۈرىيىنىڭ تۇپراق بىرلىكىنى قوغداپ قېلىش يولىدا بار ئىمكانىيەتلەرنى قوللىنىدۇ.

8.سۈرىيىدىكى دىنىي ئورۇنلارنى ۋە تارىخى جايلارنى بومباردىماندىن ساقلاپ قېلىش يولىدا تەدبىر قوللىنىش.

9.سومالى دۆلىتىدىكى قورال - ياراق ۋە زەھەر تىجارىتىنى توختىتىش، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش.

10. بىرمىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇ جايدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش، قىيناش ۋە يۇرتلىرىدىن ھەيدەشتەك جىنايەتلىرىدىن قوغداش، بۇ خۇسۇستا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش.

11. قۇرۇلتاي سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا تەرىپىدىن بىرما مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان50 مىليون دوللار مىقدارىدىكى ياردەمنى تەبرىكلەيدۇ.

12. ھەر ئىشتا ئوتتۇراھاللىق يولىنى تۇتۇپ، رادىكاللىققا يول قويماسلىق، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بىر دىن ئىكەنلىكىنى پۈتۇن دۇنياغا نامايان قىلىش.

13. غەرب دۇنياسىدىكى بەزى رادىكال كۈچلەرنىڭ تېررورلۇقنى ئىسلام بىلەن قەستەن باغلاشتۇرۇشتەك يامان خاھىشىغا رەددىيە بېرىش.

14. ئىسلام مەزھەبلىرى ئوتتۇرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىر - بىرىگە يول قويۇش ئاساسىدا تىنچلىق بىلەن ئۆتۈش.

15. ئىسلام دۇنياسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى ۋە ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.

16. ئىسلام دۇنياسىنى ئەڭ ئىلغار پەن - تېخنىكىلار بىلەن قوراللاندۇرۇش يولىدا ھەممە بىردەك كۈچ چىقىرىش.

17. قۇرۇلتاي سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىك جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

ئاخىرىدا، قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ باش كاتىبى ئەكمەلىددىن ئىھسان ئوغلىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.