بۇ پائالىيەتكە خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە خىتايلار، تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىگە قاراشلىق ھەر قايسى ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئىشلەيدىغان خادىملار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا خىتايدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم كېلىپ قاتناشقان بولسىمۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇڭگان ۋە خىتايلارنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ پائالىيەتتە ئويۇن كۆرسىتىش ئۈچۈن قاراقاش ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەنئەتچىلىرى كەلتۈرۈلگەن.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكرى بۇزداغ، تۈركىيە دىن ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەس، خىتاي دىن ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جوۋ، خىتاي ئىسلام دىن جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىلالىدىن قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى مۇئاۋىنى بەكرى بۇزداغ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئىسلام دىنى ئاناتۇلىيىگە خىتايغا كىرگەندىن كېيىن كىردى. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىدە، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن زامان بىلمەيدىغان كىشى يوق. بىر زامانلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك ئالىملىرى، بۈيۈك مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلدى، بۈيۈك مەدەنىيەت بايلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈرك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان تۈرك تىلىدۇر. تۈرك تىلنىڭ تىلشۇناسلىرىنىڭ ئاساسى مەنبەسى خىتايدا بولۇپ، بىز مۇشۇ جەھەتتىن تىلىمىزنىڭ ئاساسى مەنبەسى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن كۈچلۈك بىر مۇناسىۋىتىمىز بار. خىتايدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ۋە قان قېرىنداشلىرىمىز، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم بىر كۆۋرۈكتۇر».

مىنىستىر بېكىر بۇزداغ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنى بېسىملارغا قارشى بىۋاسىتە گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنى ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا يەنە تۈركىيە دىن ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى خىتايغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى، بۇ زىيارەت جەريانىدا، خىتاي دىن ئىشلار ئىدارىسى ۋە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقلىرى بىلەن دىنى تەلىم-تەربىيە، دىن خىزمەتلىرى، دىنى نەشرىياتچىلىق ساھەلەردە بىر كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھمەت گۆرمەس ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
«بىر تەرەپتىن خىتايدىكى قەدىمى ئىسلام مەدەنىيىتىگە خەلقىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىش، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدا ياشاۋاتقان نەچچە مىليون مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى تەلىم-تەربىيە ئېلىشى، دىن ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئېلىپ بېرىلىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇھىت ھازىرلاندى.»
مەھمەت گۆرمەس سۆزىدە يەنە خىتاي دىن ئىشلار ئىدارىسى بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ھەقتە دىنى ئىدارە باشلىقلىرى ئۆز ئارا-زىيارەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىمام تەربىيىلەش ۋە دىنى خادىملارغا تەلىم بېرىش، قۇرئان كەرىم ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ئەسەرلىرى ۋە كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىپ تارقىتىش ئىشلىرىنى قىلىش، دىنى تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش، ھەج ۋە ئۆمرە تەرتىپلەش ۋە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھەر ئىككى دۆلەتتە مەسچىت-جامئىئەلەر، تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە قوغداش توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئەمەلىيلىشىدۇ. دىنى يىغىنلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، 2013-يىلى خىتايدا، "تۈركىيە-ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىسى" ئېچىش قاتارلىق ساھەلەر كېلىشىمنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.»
مۇراسىم ئاخىرىدا، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى بەكرى بۇزداغ ۋە خىتاي دىن ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇۋ، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى ھىلالىدىن قاتارلىقلار بىلەن «خىتايدا ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرى» كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى. بۇ كۆرگەزمە پائالىيىتى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ 6-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە دىنى قوليازما ئەسەرلەر قويۇلغان بولۇپ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر ئىلىدىكى بىر قىسىم جامىئە ۋە مەسچىتلەرنىڭ سۈرەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆپ ساندا رەسىملەرنى قويغان.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.
