ئىستانبۇلدىكى «سەيىر» ناملىق رادىئودا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 16:00 دە مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سەيىر ئېف ئېم رادىئوسىنىڭ «دۇنيادىكى ۋەزىيەتلىرى» ناملىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2011.12.02
turkey-seyr-305.png سەير رادىيوسىنىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزھان نەق مەيدان تارقىتاشقا قاتنىشىپ سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
Photo: RFA

دۇنيا ۋەزىيىتى ناملىق پروگراممىغا سەير رادىئوسىنىڭ خادىملىرىدىن فاتىھ ئۆمەر بىلەن جىھانگىر ئىشبىلىر ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى، پروگراممىغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكىلىپ بىلەن قاتناشتى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتلىرى، خىتاينىڭ ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇ پروگرامما سەيىر رادىئوسىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە، خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسىى مۇناسىۋەتلىرى، خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

سەير رادىئوسىنىڭ رىياسەتچىسى جىھانگىر ئىشبىلىر ئەپەندى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىھانگىر ئىشبىلىر ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. جىھانگىر ئىشبىلىر ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ دېگەن سوئالىمىز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- بىز ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئەيىبلەپ كېلىۋاتىمىز. بۈگۈن سەيىر رادىئوسىنىڭ پروگراممىسىدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردۇق. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر ساھەدە تەرەققى قىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بېسىم ئاستىدا قالماسلىقى ئۈچۈن خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بىز شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىم ئېچىلغان يىغىنلاردا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە، كۆز يۈمۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە يول قويمايمىز. مېنىڭ قارىشىمچە، ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يىغىنلىرىغا ئوخشاش خەلقئارالىق چوڭ يىغىنلاردا، ئاكادېمىكلارنىڭ يىغىنلىرىدا، تېخىمۇ جىددىي بىر شەكىلدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئورتاق ئىش - پىلانلار تۈزىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئوخشاش باشقا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىغا باغلىق. يالغۇز تۈركىيىنىڭ، يالغۇز سەئۇدىي - ئەرەبىستاننىڭ ياكى پارس قولتۇقى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىغا باغلىق. ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلمىغۇچە، خىتايغا قارشى كۈچىمىز يەتمەيدۇ، يالغۇز تۈركىيىنىڭ ياكى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ كۈچى كۇپايە قىلمايدۇ. ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پروگراممىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.