ئىستانبۇلدىكى «9 ئا» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى

2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «9 ئا» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ پروگراممىغا «9 ئا» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىلىرىدىن مەلتەم ئارىكان، ئائىشە كۆچ، دىدەم ئۈرەر، جەيلان ئۆز بوداك قاتارلىق خانىملار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

بۇ پروگرامما 30 مىنۇت داۋام قىلغان بولۇپ «9 ئا» تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

9 A تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەسچىت ئەتراپىدا جىددىي ھالەتتە تۇرغان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ل30-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
9 A تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەسچىت ئەتراپىدا جىددىي ھالەتتە تۇرغان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ل30-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

پروگراممىدا «9 ئا» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى مەلتەم ئاركانخانىم تېلېۋىزىيە ئېكراندا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەسچىت ئۈستىدە ۋە ئەتراپىدا جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەتتى ۋە خىتاي زۇلۇمى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئېغىر زۇلۇم قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشىماقتا. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىنى داۋا قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشنى چەكلىدى. خىتاي ئەسكەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنىڭ ئۈستىگە ۋە ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسچىتتە ئىبادەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا كۆزەتمەكتە. بىزدە خىتاينىڭ ۋەھشىي زۇلۇملىرىنى كۆرسەتكەن سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەر بولسىمۇ، بۇ، زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ۋەھشىيلىك كۆرۈنۈشلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل سىنئالغۇلارنى كۆرسىتىش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن بىز بۇ كۆرۈنۈشلەرنى تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرسىتەلمەيمىز.»

مەلتەم ئاركانخانىم سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشىنى چەكلىدى، ھەتتا قۇربان ھېيتى نامىزىنى توپلىشىپ ئوقۇشىغا چەكلىمە قويدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى، خىتاي بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھەربىي مەشىقتە چېنىقتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى داۋا قىلدى. ئەگەر مۇسۇلمانلار بىرلىك قۇرسا، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتسە ئىدى ھېچ كىم بۇ خىل تۆھمەتلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. قۇرئان كەرىمىدە ئاللاھ تائالا بايان قىلغانغا ئوخشاش: ‹ئاللانىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشىپ بۆلۈنۈپ كەتمەڭلار› دېگەن ئايىتىگە ئەمەل قىلىپ، مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىپ بىرلىك قۇرغان بولسا ئىدى، دۇنيادا ھېچ قانداق مۇسۇلمان زۇلۇمغا ئۇچرىمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك ئىسلام بىرلىكى قۇرۇش مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

مەلتەم ئاركانخانىم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداق خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، سۈرىيىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق سۈرىيىگە بارغانلىقىنى داۋا قىلدى. خەۋەردىكى باشقا بىر تۆھمەت بولسا، سۈرىيىگە بارىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە بىر مەزگىل مەشىق قىلدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن تاللىنىپ چىققانلارنى ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى داۋا قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى قىيىن بىر ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ گرازھدانلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان. پەرزەنت كۆرۈش ۋە پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقىش ھوقۇقىلىرى تارتىۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى يوق، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك پۇل تاپالمايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار، ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلىش ھوقۇقى يوق، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۆز ئائىلە پەرزەنتلىرىنى قوغدىيالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. خىتاي پەقەت تېررورچى ئاتالغۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن بۇ خىل يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. سۈرىيىدىكى ئەسەد كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، خىتاي ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر ئىككىسى كوممۇنىست بولغانلىقى ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىق قىلىشىۋاتىدۇ. خىتاي 60 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى 60 يىلدىن بۇيان ھېچ قاچان جان بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ھالدا ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا.»

بىز بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ پروگراممىنى تېلېۋىزىيىدە كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.