شۇ جۈملىدىن تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىر قانچە يىلدىن بىرى مائارىپ ۋە تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن ئانا تىل يەسلى مەكتىپى ئېچىپ، 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن ياز ۋە قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس كۇرىس ئېچىپ، ئۇيغۇر تىلى، مىللى مەدەنىيەت، ئورۇپ ئادەت ۋە دىن دەرسىدىن ئاساسى بىلىملەرنى ئۈگۈتۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىپ دەرس ئۆتكەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇر سىنىپىدا ئۇيغۇر تىلى، مىللىي ئۆرۈپ ئادەت، مەدەنىيەت ۋە دىن دەرسى ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئىككى ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن ئوقۇشنى تاماملاپ ئىمتىھان ئېلىنغان ھەمدە ئەلاچى بولغانلارنى 3 دەرىجىگە ئايرىپ مۇكاپات ئورۇنلاشتۇرغان. 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىستانبۇل شەھرىنىڭ فىلورىيە رايونىدىكى ئاتاتۈرك باغچىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم، ئۇيغۇر سىنىپىدا ئوقۇش جەريانىدا قۇرئان ساۋادى چىققان ئايگۈزەل مەخمۇت ئىسىملىك قىزنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ھەمدە مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. كېيىن مەرۋە ئىسىملىك قىز ئوقۇغۇچى "بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ" تېمىدا شېئىر دىكلاماتسىيە قىلدى. كېيىن بىر گۇرۇپ ئۆسمۈر قىزلار "ئۇيغۇر قىزى" ناملىق ناخشا ئوقۇدى. مەريەم ئىسىملىك قىز "ئىپپەت بىلەن قىزلار چىرايلىق" تېمىدا شېئىر دىكلاماتسىيە قىلدى.
ئابدۇۋېلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى "شېھىد روھىغا" تېمىدا ناخشا ئوقۇدى. زەينەپ ئىسىملىك ئوقۇغۇچى "گۇۋاھ بولسۇن" تېمىدا شېئىر دىكىلىماتسىيە قىلدى. بىر گۇرۇپ قىز ئوقۇغۇچىلار "ئىنتىل" تېمىدا شېئىر دىكلىماتسيە قىلدى. يەنە بىر گۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار "مەدىنىيىتىمىزنى ئۇنۇتمايلى" تېمىدا ئېتوت ئورۇنلاپ مۇراسىمغا قاتناشقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇراسىم ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بويۇملىرى تارقاتتى. بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، مەرۋە كۇچار، ۋە ئايگۈزەل مەخمۇت قاتارلىق ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ئېرىشىپ يېرىم تۈركىيە جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى )يۈز ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە( مۇكاپات بېرىلدى . 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر 8 نەپەر بولۇپ تۈركىيە چەيرەك جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى )ئەللىك ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە( مۇكاپات بېرىلدى. 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر 100 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر تالدىن قول سائىتى مۇكاپات بېرىلدى. مۇراسىم كەچلىك زىياپەتتىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مۇراسىم ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى مۇمىنجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.