ئولىمپىك مەشئىلىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان تۈركلەر بىلەن سۆھبەت

2008 ‏ - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلى سەپىرى، 4 ‏ - بېكىتى بولغان ئىستانبۇلدا، باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. نامايىشچىلار ئولىمپىك مەشئىلىنى تارتىۋېلىش ۋە مۇراسىم مەيدانىدىكى خىتاي بايرىقىنى يىقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان مەشئەلنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتى تۆت نۇقتىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلار مەشئەلگە 1 مېتىر يېقىنلاشقاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. شۇ كۈنى خىتاي بايرىقىنى يىقىتىش ۋە مەشئەلنى تارتىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلغان ياشلاردىن 18 كىشىگە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇش چارىسى كۆرۈلگەن ۋە 17 نەپىرى شۇ كۈنى قويۇۋېتىلگەن.

0:00 / 0:00

سىيىت تۈمتۈرك: ئۇتۇق قازاندۇق

نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختالدى: مەقسىتىمىزگە يەتتۇق، چۈنكى، مەشئەلنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان كۆرۈنۈشلەر خەلقارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر ئالدۇق، ئاۋازىمىز دۇنياغا يەتتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تۈرك ساقچىلىرىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھىمايىچىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئولىمپىك خەلقئارالىق ھەركەت، ساقچىلارنىڭ بىزنى توسۇشى نورمال ئەھۋال. ئەمما كۆردۇقكى تۈرك خەلقى بىز بىلەن بىللە بولدى."

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە، ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىشتا تۇتۇپ تۇرۇش چارىسى كۆرۈلگەن 18 نامايىشچىنىڭ 12 سى تۈرك بولۇپ، ئۇلار مۇراسىم مەيدانىدا، خىتاي بايرىقىنى يىقىتىپ، ئورنىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى تىكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. ئۇلار، يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەشئەلنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتىگىمۇ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان. بۇ 12 تۈرك نامايىشچى، تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان ئالپئەرەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. بىز بۈگۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئالپئەرەنلەر جەمئىيىتىنىڭ غايىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئالپەرەنلەر ئوچاغى مىللەتچى، ئەنئەنىچى بىر ياشلار ھەرىكىتىدۇر. ھەركىتىمىزنىڭ غايىسى تۈرك ۋە ئىسلام ئالىمىنىڭ مەسىلىلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ۋە كۈرەش قىلىشتۇر."

ئالپئەرەن: خىتاي ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس

بىز ئۇنىڭدىن جەمئىيىتىڭلارنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيىسى نېمە دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: " بىز قان ۋە دىن قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمىز، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا، ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايمىز. خىتاي ئۇزۇن زاماندىن بېرى شەرقى تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ۋە بۇ قىلغانلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز خىتاينى بۇ خىل غەيرىي ئىنسانىي ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. ئالىپەرەنلەر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي جەھەتتىن تۈركىيىدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىگە باغلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇستافا، جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قېتىلىش سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: خىتاي زوراۋانلىق بىلەن، قىرغىنچىلىق بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت، ئولىمپىك بولسا تېنچلىق ۋە ئەركىنلىك غايىسىدىكى تەنتەربىيە پائالىيىتى، شۇڭا بىز، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش لاياقىتى يوق دەپ قارايمىز.

مۇستافا يەنە، ئولىمپىككە قارشى نامايىشنى تەشكىللەشتە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن باشتىن ‏ - ئاخىر ھەمكارلىق ئىچىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " ئەسلىدە پىلانىمىز، مۇراسىم مەيدانىدىكى خىتاينىڭ بايرىقىنى چۈشۈرۈپ ئورنىغا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى قاداش ئىدى. ئەمما ساقچىلار مۇداپىئەنى بەك كۈچلۈك قىلىۋەتكەچكە، بۇ ئۇرۇنۇشىمىز نەتىجە بەرمىدى، شۇنداقتىمۇ شۇ كۈنى سۇلتان ئەخمەت مەيدانىنى ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تولدۇردۇق."

مۇستافا: ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ياردەملەرنى بېرىش پىلانىمىز بار

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۇ قېتىم تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالدىن ھەمكارلىشىشنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. مۇستافا، نامايىش كۈنى ساقچىلار تەىرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان نامايىشچىلاردىن بىرى، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: " بۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇش شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن بولغاچقا مەن ئۈچۈن پەخىرلىنەرلىك ئىش، ئەمما بۇ چوڭراق ئىش بولغان بولسا، شەرقى تۈركىستانغا كۆك بايراقنى تىكلەشتەك چوڭ ئىشلاردا بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى."

مۇستافا شۇ كۈنى ساقچىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلىدە، شەرقى تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى يوقلاپ ھال سوراپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: "بۇ تولىمۇ كىچىك بىر ئىش، شەرقى تۈركىستان خەلقىغە بۇنىڭدىن چوڭ ۋە ئەمەلىي ئىشلار بىلەن ياردەم بېرىش ئارزۇيىمىز ۋە بۇ ھەقتە پىلانلىرىمىزمۇ بار. ئاللاھ شەرقى تۈركىستان خەلقىغە ئۆز ۋەتىنىدە ھۆر ياشاشقا ۋە ئىمانى بىلەن ياشاشقا نېسىپ قىلغاي."

ئالپئەرەنلەر جەمئىيىتى، 1997 ‏ - يىلى غۇلجا شەھىرىدە 5 ‏ - فېۋرال ۋەقەسى يۈز بەرگەندە چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان پائالىيەتچىلىرىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان ئىدى. بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالپەرەنلەر تەشكىلاتى شۇ چاغدا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، ئۆزلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىغە ھەر قانداق شەكىلدىكى ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلار، چېچەنىستان ئۇرۇشىدا، رۇسىيىگە ئەسىر چۈشكەن چەتئەللىكلەر ئارىسىدا، تۈركىيىدىكى ئالپئەرەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.