ئىتالىيىدە خىتايلار نامايىش ئۆتكۈزدى
2012.01.11
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاي تىجارەتچى جۇ جېڭ بىلەن ئۇنىڭ 9 ئايلىق قىزى جۇ شىيا رىم شەھىرىدە بىر توپ قوراللىق بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان. ئىتالىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بۇ بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۇمانلىق ئىككى نەپەر بۇلاڭچى قاتىلنى تېزدىن تۇتۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. ساقچى تەرەپنىڭ دەسلەپكى ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى نەپەر بۇلاڭچى رىم شەھىرىدە ياشاۋاتقان ماراكەشلىك كۆچمەن كىشىلەر ئىكەن.
فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىدىغان نورمال ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 10-يانۋار كۈنى دۇكانلىرىنى تاقاپ نامايىشقا چىققان خىتايلار خىتايچە ۋە ئىتاليانچە يېزىقلاردا «بىزگە بىخەتەرلىك لازىم، زوراۋانلىققا قارشى تۇرايلى» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان. فرانسىيە مۇخبىرلىرىغا نەق مەيداندىن مەلۇمات بەرگەن خىتايلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رىم شەھىرىدىكى خىتايلاردا ئۇزۇندىن بۇيان بىخەتەرلىك روھى ھالىتى يوقالغان. ئۇلار دائىم بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئەندىشىسى بىلەن ياشايدىكەن. چۈنكى، ھەر يىلى قانچە ئون قېتىملاپ بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى سادىر بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇلاڭچىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان خىتايلارنىڭ بەزىلىرى ئېغىر يارىلانسا، بەزىلىرى نەق مەيداندا ئۆلىدىكەن. بەزى خىتاي تىجارەتچىلەر بىر يىلدا 6-7 قېتىم بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان ھادىسىلەرمۇ يۈز بەرگەن.
ئىتالىيىدىكى خىتاي سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ئىسىملىك كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرى بەك كۆپ يۈز بەرگەن. خىتاي تىجارەتچىلەر دائىم نەق پۇل بىلەن سودا قىلىدىغان بولغاچقا، قوراللىق بۇلاڭچىلارنىڭ دائىملىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. ۋىتتورىئو مەيدانىدا نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان بىر ئايال خىتاينىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇلاڭچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن خۇسۇسىي قوغدىغۇچىلار ئەترىتى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، قوراللىق باندىتلارغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن. خىتاينىڭ ئىتالىيىدىكى باش ئەلچىسى، خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ كۆپ مىقداردا نەق پۇل ئېلىپ يۈرۈشىنىڭ خەتىرىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي پۇقرالىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، بۇلاش ۋەقەلىرى ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا. بۇنداق ۋەقەلەر يېقىنقى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە گېرمانىيىدىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. نېمە ئۈچۈن خىتاي كۆچمەنلىرى ياۋروپادىكى قارا كۈچلەرنىڭ دائىملىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇسالام ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-ياۋروپادا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئەخلاق سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، مەينەتلىكى، شەخسىيەتچىلىكى ئۇزۇندىن بۇيان غەرب پۇقرالىرىنى سەسكەندۈرۈپ كەلگەن ئامىللارنىڭ بىرى. مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئىتالىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، پۇل تېجەش مەقسىتىدە بىر ئۆيدە بىر نەچچە ئائىلىنىڭ بىرگە تۇرىدىغانلىقى، باج ئوغرىلايدىغانلىقى ۋە قاچاق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، بولۇپمۇ سۈپەتسىز ئەرزان تاۋارلار بىلەن ئىتالىيە بازارلىرىنى بۇلغاۋاتقانلىقى خېلىدىن بۇيان ئىتالىيە پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن. ئىتالىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دائىملىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىغا، بەلكىم مۇشۇ سەلبىي تەسىراتلار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق ۋەقەسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئومۇمىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. رىم شەھەر باشلىقىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ بۇلاڭچىلىققا يولۇقۇپ يارىلانغان جېڭ فامىلىلىك خىتاي ئايالنى يوقلىغان. ئۆلگۈچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن.
ئىتالىيىنىڭ ياۋروپادا «مافىيالار دۆلىتى» دېگەن نامى بار. ئىتالىيە مافىيالىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە تارالغان بولۇپ، يالغۇز ئىتالىيە ئۈچۈن ئەمەس، پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ كۈچىنى تىزگىنلەش، يوقىتىش مۈشكۈل بىر ئىش بولۇپ كەلمەكتە. ئىتالىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە ئىتالىيە مافىيالىرىنىڭ ئۆز-ئارا جەڭگى-جېدەللىرى سەۋەبلىك يۈز بېرىۋاتقان ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى مەتبۇئاتلاردا پات-پات كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.