ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سېلىنغان جاسۇس سوتلاندى
2011.09.15

مەزكۇر سوتنىڭ خەۋىرى 12-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيىدىكى «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق بىرقىسىم داڭلىق گېزىتلەردە ۋە كۆپلىگەن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان. ئىلگىرى ميۇنخېندىكى تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىق گۇمانى بىلەن ئۆيلىرىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىق خەۋىرى مەتبۇئاتلاردا يەر ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىم سوتقا تارتىلغان خىتاي جاسۇسى شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەككىز كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغان.
خەۋەردە 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلىنىڭ قوماندانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سېلىنغان 63 ياشلىق بۇ جاسۇسنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسىنىڭ د ئۇ ق نى مەخپىي نازارەت قىلىش، ئاخبارات توپلاش بولغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سېلىنغان بۇ جاسۇس بېيجىڭ بىخەتەرلىك دائىرىلىرىگە سېتىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەتئەلدىكى «بەش زەھەرلىك ئورگان» نىڭ بىرى ۋە ئەڭ چوڭى بولغان د ئۇ ق نى تەقىب قىلىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ گېرمانىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئىقرار قىلغان.
خەۋەردە بۇ جاسۇسنىڭ ئىسىم، فامىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ 63 ياشلىق بىر كىشى بولغانلىقى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، خىتايغا سېتىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلى بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئائىت ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سۆزلەنگەن. 13-سېنتەبىر كۈنى يەنە ميۇنخېندا چاقىرىلغان سوتقا بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمۇ گۇۋاھچى سۈپىتىدە قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرمۇ بارىكەن.
بۇ قېتىمقى سوتنىڭ مەتبۇئاتلاردىكى خەۋىرىدىن ۋاقىپ بولغان ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇرسۇن ئەپەندى سوتقا تارتىلغان بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ لەنساڭ بولغانلىقىنى، گېرمانىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى شۆھرەت دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن ئاتاپ يۈرگەنلىكىنى، مىللىتىنىڭ شېۋە ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى غۇلجىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
13-سېنتەبىر كۈنى سوتقا قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە بولغاي.