پاكىستاندىكى چەتئەللىك جىھادچىلارنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئەندىشىگە سالغان
2012.09.03

ئەرەب جىھادچىلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ بۇنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە، تۈرك، ئۇيغۇر ۋە گېرمانىيىلىك جىھادچىلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغان. ئىستىخباراتچىلار جىھادچىلارنىڭ تەركىبىدىكى بۇ ئۆزگىرىش خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرگە يېڭى رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2001-يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بېرىشىدىن بۇرۇن ۋە يۈز بېرىپ خېلى يىللارغىچە ئەرەبلەر ئافغانىستان، پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى چەتئەللىك جىھادچىلارنىڭ ئاساسى سالمىقىنى تەشكىل قىلاتتى. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چەتئەل ئىستىخبارات خادىملىرى، ئانالىزچىلار ۋە پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان قەبىلىلەر رايونىدىكى جىھادچىلار توپىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئەرەب جىھادچىلىرىنىڭ سانى ئازايغان. ئۆزبېك، چېچەن، داغىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي كاۋكاز جىھادچىلارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر، تۈرك ۋە گېرمانىيىلىك جىھادچى گۇرۇپپىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى جىھادچى كۈچلەر ئىچىدىكى سالمىقى ئارتقان.
«11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن سانى ئېنىق بولمىغان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر جىھادچىلارنىڭ ئۆزبېك، چېچەن قاتارلىق جىھادچى گۇرۇھلار بىلەن پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدا ئىزچىل قوراللىق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ماخمۇد شاھنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى ئافرىقىلىق ۋە ئەرەب جىھادچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى 1500 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بىراق ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك، چېچەن، داغىستانىلار، ئىسلامغا كىرگەن يەرلىك گېرمانلار ۋە كۆچمەن بولۇپ بېرىپ گېرمان ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن گېرمانىيىلىك جىھادچىلارنىڭ سانى 3500 دىن 4000 غا يېتىپ بارغان.
ئانالىزچىلار بۇ خىل ئۆزگىرىشنى ئامېرىكىنىڭ قەبىلىلەر رايونىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى، بەزى ئەرەب جىھادچىلىرىنىڭ لىۋىيە، سۈرىيە قاتارلىق ئەللەرگە يۆتكىلىشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى جىھادچىلار توپىنىڭ تەركىبىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل ئۆزگىرىش گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن يېڭى بىر رىقابەتنىڭ بېشارىتى ئىكەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر لېكتورى ئېلشات ھەسەن، جىھادچى گۇرۇھلارنىڭ تەركىبىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي بۇ يىل خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ناۋاغ، يېڭى بازاردىكى خىتاي ساقچىخانا ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىنى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارغا قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ پاكىستان تۇپرىقىنى بازا قىلىپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ چەتئەل ئىستىخبارات دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆزبېكلەرنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان «ئىسلامىي جىھاد ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنياۋى جىھاد ھەرىكىتىدىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. ئامېرىكا جورجىتاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى برۇس خوفمان، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىسلامغا كىرگەن گېرمانلارنى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ سىياسىتى نارازىلىقىنى قوزغىغان ئۇيغۇرلارنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى 2007-يىلى ئىسلامى جىھاد ئىتتىپاقىغا ئەزا 3 نەپەر گېرماننى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق پىلانىنى پاش قىلغان ئىدى. گېرمانىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان قەبىلىلەر رايونىنى بازا قىلغان مەزكۇر تەشكىلات ئىسلامغا كىرگەن رادىكال گېرمانلارنى ۋە گېرمانىيىلىك تۈركلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنىڭ پېشىدىكەن.
لېكىن موسكۋا دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى ئىۋان سافرانچۇك بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىپ، پاكىستاندىكى لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك جەلپ قىلىۋاتقانلىقى ۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانلاردىن ئادەم قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئۇرۇش مەيدانى ئېچىلىپ قالسا، بۇ كىشىلەر شۇ يەرگە يوللىنىدىكەن. سافرانچۇك، شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 2014-يىلى ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت قوشۇنى چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئېلشات ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى ئەرەب جىھاتچى كۈچلىرىنىڭ ئازىيىپ، ئۇيغۇر، چېچەن، ئۆزبېك قاتارلىق جىھادچى كۈچلەرنىڭ كۆپىيىشىدەك دېموگرافىك ئۆزگىرىش خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۇلارغا قارشى ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن.
بىراق ئامېرىكا جورجىتاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى تىنچلىق، بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىدىكى برۇس خوفمان، جىھادچىلار توپىدىكى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان خەۋپنىڭ ھازىردىن كۆپرەك كەلگۈسىدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ئەڭ زور تەھدىت مەۋجۇت ھۈجەيرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدۇر. بۇ ھازىر تۆۋەن مۇقامدا بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كېلەچەكتە پەيدا قىلىدىغان خەۋپى كۈچىيىشى مۇمكىن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇلارنى رادىكاللاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىسلامىي جىھاد ھەرىكەتلىرىگە قېتىلىشقا، زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىماقتا. بۇ قاراشتىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، مائارىپى، دىنى ئېتىقادى، تىلىنى چەكلەپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىنى رەت قىلسا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ خىل خەلقئارا ئىسلامىي جىھاد ھەرىكەتلىرىگە قېتىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.