جۇڭخۇا مىنگو خەرىتىسىدىكى «ئۆز يۇرت» ۋە «ياتلار يۇرتى» ھەققىدە

ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن دۆلەت ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلەر بىزگە، ھازىرقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررىتورىيىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ياراتتى.

0:00 / 0:00

خىتايدا ھازىر، بۇنىڭدىن يۈز يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن «شىنخەي ئىنقىلابى» غەلىبە قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش باشلاندى. خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گېزىت -ژۇرناللاردا، خىتاي تارىخىدا بىر چوڭ سۇلالىنى ئاغدۇرۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرغان شۇنداق بىر مەشھۇر تارىخىي ۋەقەنى ئەسلىتىدىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

گۇاڭجۇ گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى خۇاڭپۇ رايونىدا بىنا قىلىنغان «شىنخەي ئىنقىلابى خاتىرە سارىيى» 28‏-سېنتەبىر كۈنى پۈتتى. خاڭجۇ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇلۇغ خىتاي مىللەتچىسى سۈن جوڭسەننى ئەسلەيدىغان «تۇنجى بۈيۈك پرېزىدېنت» ناملىق كىنو فىلىمى، 29‏-سېنتەبىر كۈنى سىچۈەننىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدىكى خەلقئارا فىلىم يۇرتىدا قويۇلۇشقا باشلىدى. سىنا خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن تەيۋەنلىك يازغۇچى لوڭيىڭتەي شاڭخەيدىكى تۆمۈر يول مۇزېيىنىڭ شىنخەي ئىنقىلابى ئەسارە-ئەتىقىلىرى كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى.

ۋىكى ئىنىسكىلوپېدىيىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا مانجۇلار قۇرۇپ 300 يىل داۋاملاشتۇرغان چىڭ سۇلالىسى، مىلادى 1911‏-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1912‏-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان قىسقىغىنە بىر ۋاقىتتا ئىچىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئۇنىڭ ئورنىغا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى تىكلەندى. خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ شىددەتلىك ۋەقە «شىنخەي ئىنقىلابى» نىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

«شىنخەي ئىنقىلابى» نى خىتاي مىللەتچىسى سۈن جوڭسەن قوزغىغان. 1911‏-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، سۈن جوڭسەننىڭ ئىنقىلابى ئارمىيىسى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ۋۇچاڭ شەھىرىدە كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلاڭدا «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن بۇ دۆلەت 1912‏-يىلى يېڭى يىل كۈنى، سۈنجوڭسەننى ۋاقىتلىق بۈيۈك پرېزىدېنت دەپ جاكارلىغان. ئەينى زاماندىكى بۇ چوڭ ۋەقەنى ئەسلىتىدىغان ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا ھازىر، سۈن جوڭسەننىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇ خاتىرە سارىيىغا، جۇڭخۇا مىنگونىڭ تەۋەلىكىدە 18 ئۆلكە بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان 18 يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقى ئېسىپ قويۇلغان.

خىتاي مىللەتچىسى سۈن جوڭسەننىڭ جۇڭخۇا مىنگو دېگەن دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى 18 ئۆلكە سەددىچىننىڭ ئىچىدىكى خىتايلار ياشايدىغان ئۆلكىلەر بولۇپ، بۇ ئۆلكىلەرنى جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتى «ئۆز يۇرت» دەپ ئاتىغان، ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىقىدا ئىپادىلىگەن ۋە تېررىتورىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا، سابىق چىڭ سۇلالىسى تىجاۋۇز قىلغان يېڭى چېگرا (شىنجاڭ)، موڭغۇلىيە، تىبەت، چىڭخەي دېگەن يات مىللەت ئەللىرىنى «ياتلار يۇرتى» دەپ ئاتىغان.

تور خەۋەرلىرى دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتېرنېت گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، سۈن جوڭسەندىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگوغا رەھبەرلىك قىلغان مىللەتچى پارتىيە(گومىنداڭ) چوڭچىڭ شەھىرىدە پىلانلىغان سۇيىقەست بويىچە، خىتاي جاسۇسى شېنشىسەي مەخپىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كېرگەن. ئۇ، يېڭى چېگرا (شىنجاڭ) نى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1941‏-يىلى 6‏-ئايدا گېتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇلار يېڭى چېگرا (شىنجاڭ) دەپ ئاتايدىغان زىمىنگە بولغان كونتروللۇقى ئاجىزلىغان. 1942-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭخۇا مىنگو پرېزىدېنتى جاڭ كەيشىنىڭ گومىنداڭ قىسىملىرى يېڭى چېگرا (شىنجاڭ) غا ھۇجۇم قوزغىغاندا، جاسۇس شېن سىسەي ئۇچۇق-ئاشكارا ھالدا جاڭ كەيشىگە ماسلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى چېگرا (شىنجاڭ) دەپ ئاتالغان بۇ «ياتلار يۇرتى» غا خىتايلار كۆچۈرۈپ كېلىنىشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تارىخىدا 300 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بىر چوڭ سۇلالىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تىكلىگەن شىددەتلىك «شىنخەي ئىنقىلابى»نى قوزغىغان ئۇلۇغ خىتاي مىللەتچىسى سۈن جوڭسەن ئامېرىكىنىڭ ھۇنۇنۇلۇ ئاراللىرىدا تۇغۇلغان ئامېرىكا پۇقراسى ئىدى.
بۇنىڭ دېلىلى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ 1904‏-يىلىدىكى كۆچمەن ئارخىپىدا كۆرۈلىدۇ.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ پېشقەدەم سىياسىي رەھبىرى چېنيۈننىڭ قىزى چېن ۋېىلى 1996-ۋە ۋە 1997‏-يىللىرى ھۇنۇنۇلۇ ئاراللىرىغا ئىككى قېتىم بېرىپ، ئۇلۇغ خىتاي مىللەتچىسى، ئامېرىكا پۇقراسى سۈن جوڭسەننىڭ نەۋرىسى سۈن خۇيفاڭنى، كوممۇنىست خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلغان، ئەمما سۈن جوڭسەننىڭ نەۋرىسى ئۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ھەرگىزمۇ سوڭ چىڭلىن خانىمغا ئوخشاش خىتاي سەھنىسىدە تېزىپ قويىدىغان سىياسىي تەشتەك بولمايمەن، دەپ جاكارلىغان.