كانادا باش مىنىستىرى بېيجىڭ زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر بېيجىڭ زىيارىتىدە،خىتاينىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەردە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىللىرى ھەققىدىكى كانادانىڭ ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالدى ۋە 5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

ئۇ بۇلار بىلەن بىللە كانادا تەرەپ يەنە خىتاي بىلەن ئىقتىسادى، ئېنېرگىيە،سودا ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

كانادا ك ب ك تېلىۋىزىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستېپھېن ھارپېر چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭ قاتارلىق خىتاينىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. كانادا تەرەپ يەنە خىتاي تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە، تەبىئىي بايلىق، مائارىپ، دېھقانچىلىق ۋە پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە 23 كېلىشىمنى ئىمزالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 18 يىلدىن بېرى، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، ئەمما ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلار يۈزىدىن ئىمزالىنىشى ئارقىغا سوزۇلۇپ كېلىۋاتقان، «كانادا ۋە خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى قوغداش كېلىشىمى»مۇ بار. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بۇ كېلىشىم يەنە، ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى تەرىپىدىنمۇ تەستىقلىنىشى كېرەك.

ستېپھېن ھارپېر پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا،خىتاي تەرەپ بىلەن ئىمزالىغان بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 3 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كانادا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك مەسىللەرنىڭ بىرىدۇر. ستېپھېن ھارپېر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 2006 - يىلىدىن باشلاپ، كانادا بۇرۇنقى ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ھەتتا خىتايغا قارىتىپ، «كانادا پۇل ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغان بولۇپ، بۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىگە يول ئاچقانىدى. ستېپھېن ھارپېرنىڭ 2009 - يىلىدىكى بېيجىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، سىياسىي مۇناسىۋەتلەر نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

ئىككى يىلدىن بۇيانقى كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىدە، بىراز يۇمشاش كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. لېكىن، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا، نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ۋە يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى، ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە بىر خەلقئارالىق سورۇندا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا ئەيىبلەنگەنىدى.

ستېپھېن ھارپېر بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا يەنىلا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، دوستانە ھەم ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە سودا ئالاقىلىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.ئۇ سۆزىدە خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن بىئارام بولمىغانلىقىنى ۋە سەۋرىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ك ت ۋ تېلىۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى روگەر سمىتھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستېپھېن ھارپېر خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە يەنە، 5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامالغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ستېپھېن ھارپېر ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋدىن، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشىگە ئىجازەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ، ستېپھېن ھارپېرنىڭ بۇ ئەڭ ئادەتتىكى بىر تەلىپىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. لېكىن، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى، ئىلگىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەلىپىنىمۇ قوبۇل قىلمىغانىدى.

بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ستېپھېن ھارپېر يەنە، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، نوقتىلىق ئىقتىسادى مەسىللەرنى سۆزلىشىشتىن باشقا، ئېنىق ۋە كۈچلۈك بىر شەكىلدە، سۈرىيە ۋە ئىران مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، سۈرىيە ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقىغا كانادانىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىراننى قوللاشنى توختىتىش ئۈمىدىنى ۋە بۇ مەسىلىلەردە خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ ئىجابىي يول تۇتۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ستېپھېن ھارپېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇمكىنچىلىكى ئاز، ئەمما زۆرۈر بولغان بۇ بىر قاتار مەسىلىلەردە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ۋە سەمىمىي يۇسۇندا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ كانادا ئېنېرگىيىسى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن كانادانىڭ خىتاي بازىرىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كانادالىقلارنىڭ 51%، خىتاي تەرەپنىڭ كاناداغا مەبلەغ سېلىشى كانادا ئىقتىسادىغا پايدىلىق دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن 71 %كانادالىق، ئەگەر خىتاي شىركەتلىرى كانادا سودىسىدا موھىم رول ئوينىسا، كەلگۈسىدە خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ دېگەن ئەندىشلىرىنى بايان قىلغان.

نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گۇاڭجۇ شەھىرىگە يېتىپ بارغان ستېپھېن ھارپېر شەنبە كۈنى خىتاينىڭ يەنە بىر چوڭ شەھىرى چۇڭچىڭدا زىيارەتتە بولىدۇ.