0:00 / 0:00
فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ "ئولىمپىك ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت بىرگە بولالمايدۇ" ناملىق مەشئىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن شەنبە كۈنى تورونتو شەھىرىدە كانادادىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مەمەت توختى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ، تورۇنتودىكى مۇراسىم ھەققىدە مەمەت توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.