دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە تورونتو بىلەن ۋانكوۋېردا نامايىش

12 - ئاينىڭ10 - كۈنى دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەخسەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى تەرىپىدىن 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ماقۇللانغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2008.12.10
kanada-rukiye-pegy1-305 ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﭘﯧﮕﮕﻲ ﻧﺎﺵ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪﻩﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Kamil Tursun

ھازىر بۇنىڭغا 60 يىل تولدى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەنىلا يۈز بەرمەكتە.ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقلەرنىڭ بىرى.

بۈگۈن كانادانىڭ تورونتو ۋە ۋانكۇۋېر شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ شەھەرلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى ۋە دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى غۇلجىدا قولغا ئېلىنغان مېيىپ ياش ئابدۇشۈكۈر قۇرباننى قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە تورونتودىكى ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان.

بۇ كۈندە يەنە كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋانكوۋېردىكى ھەيئەت ئەزاسى ئۆمەرجان ئەپەندى ۋانكوۋېردىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.