كانادا سوت مەھكىمىسىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلار سوتلانماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2008.11.25
2008.11.25
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كاناداغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ياسىغان ساختا پاسپورت، ساختا گۇۋاھنامىلەر، خىتاي پاسپورتى، كانادانىڭ كىملىكى، كانادادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنىستىتۇتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلوملىرى، ئۇنۋان كىنىشكىلىرى، كانادانىڭ ۋىزىسى ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كانادا ساقچىلىرى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە،تەييارلاپ نەق قىلىپ قويۇلغان نەچچە يۈزلىگەن ساختا دىپلوم،ساختا ئوقۇش تارىخى،ساختا پاسپورت ۋە ساختا ۋىزىلارنى قولغا چۈشۈرگەنىدى.
بۇ تۇنجى قېتىملىق سوتتۇر
ئالدىنقى كۈنى،تورونتودىكى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا، ساختا گۇۋاھنامە ياساش دىلوسىدىكى ئاساسلىق شەخىسلەردىن 27 ياشلىق جۇڭ رىيچۇڭ ئىسىملىق خىتاي ئايال بىلەن 26 ياشلىق شېن يەن ئىسىملىق خىتاي ئوقۇغۇچى سوت قىلىندى. ئەمما بۇ قېتىمقى تۇنجى سوت، نۇقتىلىق ھالدا،ساقچىلارنىڭ دېلونى تەكشۈرۈش ۋە پاش قىلىش جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولغان - بولمىغانلىقى ئۈستىدە بولدى.ئەيىبلەنگۈچىلەر تەكلىپ قىلغان ئادۋوكات سوتتا ساقچىلارنىڭ ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسى بولمىغان ئەھۋالدا، ئوقۇغۇچىلار تۇرۇۋاتقان ئۆينى تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە گۇماندارلارنىڭ قولىغا كويزا سالغانلىقىنى، بۇنىڭ كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: " بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، قانداقتۇ مۇھىم ماددىي پاكىتلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ساقچىلارنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى مەسىلىسىدۇر" دېدى.
ئادۋوكات سوت باشلىقىدىن بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلىشنى، ماددىي پاكىتلارنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كانادا قانۇنىدا ھەممە ئادەم ھوقۇقتا باراۋەر
كانادانىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىن بىر پەرقى، بۇ دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ قانۇن قاتتىق يولغا قويۇلىدۇ. ئادەتتە جىنايەتچىلەرمۇ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىدۇ. ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بۇ قانۇننى تىلغا ئېلىپ: "كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى، ھەر قانداق كىشىنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. بۇ قانۇننىڭ كونكرېت ماددىلىرىدا،ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە ئاختۇرۇش خىزمەتلىرىگە بەلگىلىك چەكلىمىلەر قويۇلغان،" دېدى.ئەمما قارىلىغۇچى ئادۋوكات، ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئائىت بىر ئۆينى تەكشۈرگىنىدە، كۆپ مىقداردا ساختا گۇۋاھنامە بايقىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرگەندىن كېيىنلا، بۇ ئۆيدە رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپلىق ھەرىكەتلەردە بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ساقچىلار ناھايىتى ئاسانلا بۇ دېلونى پاش قىلدى
ئالدىنقى يىلى پۇقراچە كىيىنگەن ئىككى نەپەر ساقچى خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدا، ئۆينىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلدىكى ئىككى كىشىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ ۋە ئۇلارنى تەكشۈرگەندە ئۇلاردىن ساختا گۇۋاھنامىلەر چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار بۇ ئۆينى تەكشۈرىدۇ ۋە بۇ ئۆينىڭ ساختا گۇۋاھنامە ياسايدىغان يەر ئاستى زاۋۇت ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرگەندىن كېيىنلا، بۇ ئۆينى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.نەتىجىدە ئۇلار تەييارلاپ، نەق قىلىپ قويۇلغان، ساختا پاسپورت، ساختا گۇۋاھنامە، كانادانىڭ ساختا كىملىكى، كانادادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنىستىتۇتلارنىڭ ساختا دىپلوم - ئۇنۋان كىنىشكىلىرى، كانادانىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى شۇنداقلا كانادا بىلەن خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كۆپلىگەن پولات تامغىلىرى قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ.
بۇ دىلو كانادالىقلارنى ھەيران قالدۇردى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ياسالغان بۇ بۇيۇملارنىڭ راست - يالغانلىقىنى پەرق ئېتىش قىيىنغا توختىغان. پەقەت ئالاھىدە خادىملارلا بۇنىڭ ساختىلىقىنى بىلەلىگەن.خىتايدىن ئوقۇش ئۈچۈن كاناداغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يەردە يەر ئاستى زاۋۇت قۇرۇپ،ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان بۇ خىل گۇۋاھنامىلارنى ياساش ھەرىكىتى كانادالىقلارنى قاتتىق چۆچۈتكەن.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بۇ ساختا گۇۋاھنامە ياسايدىغان گۇرۇھنىڭ تىجارەت باشلىغىنىغا بىر نەچچە يىللار بولۇپ قالغان. ئۇلار كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسىدىن تارتىپ، توي قىلىش گۇۋاھنامىسىغىچە، ئىشقىلىپ كانادا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق گۇۋاھنامە ۋە كىملىكلەر بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كانادادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنىستىتۇتلارنىڭ دىپلوملىرى بۇ ئالدامچىلىق گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوبرازى ۋە نوپۇزىغا تەسىر يەتكەن.
بۇنداق " تىجارەت" نى كانادالىقلار زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان
كانادالىقلارنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئاتالمىش "تىجارەت" نى ئانچە يوشۇرۇپ كەتمىگەن.ئۇلار ئۆز تور بەتلىرى ۋە باشقا خىتايلارغا ئائىت تور بەتلىرىدە، خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كېرەكلىك، ھەر خىل گۇۋاھنامىلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلانمۇ بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئېلانلىرى بۇيىچە، كانادانىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى 1500 دوللارغا، ئوقۇش تارىخى ۋە ئۈچ نۇسخا گۇۋاھلىق ئىسپاتى 2000 دوللارغا، ئوقۇش تارىخى ۋە ئوقۇش نەتىجە كۆرسەتكۈچى 3000 دوللارغا، چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئېنگىلىز تىلى ئېمتىھان نەتىجىسى 2500 دوللارغا سېتىلغان.
ئەڭ قىممەت بولغىنى ساختا توي قىلىش گۇۋاھنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى 18 مىڭ دوللار بولغان. خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دىلوسى كانادا تارىخىدىكى " ئەڭ چوڭ ساختا گۇۋاھنامە ياساش ۋەقەسى" دەپ ئاتىلىدۇ.