' ئۇيغۇرلار ئۆگەي بالا مۇئامىلىسى كۆرۈۋاتىدۇ '

كانادادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق سىياسىي خاراكتېردىكى "ماكلېئانس"ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە، "خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك. AFP Photo

بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىقتىسادى جەھەتلەردىن چەتكە قېقىلىپ، ئۆگەي بالا مۇئامىلىسى كۆرۈپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن ئېغىر سىياسىي زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋرى تاقىتىنىڭ تۈگەۋاتقانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتنى ئاڭلايسىز.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org