كانادا ھۆكۈمىتى بولسا كانادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ غەيرى ھۆكۈمەت ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىغا ئۆزلىرى قارار بېرىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ قارارىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.
ئولىمپىك فورمىلىرى مىللەتنىڭ غۇرۇرى
كانادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ يىلقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن بۇيرۇتقان كىيىملەرنىڭ %80 ى ، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ %90 ى خىتايدا تىكىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە، كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى پائۇل دېۋار،بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كانادا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كانادادا تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: "غۇرۇر ۋە مىللى روھنىڭ بەلگىسى بولغان ئولىمپىك فورمىلىرى چەتئەلدە تىكىلمەستىن، بەلكى پۈتۈنلەي كانادادا تىكىلىشى ۋە كانادا،ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللى كىيىم-كېچەك سانائىتىنىڭ كۈچىنى ۋە شان- شۆھرىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك ئىدى.ئەپسۇسكى ھۆكۈمەت بۇ ئىشتا ھاماقەتلىك قىلىپ، غۇرۇرىمىزنى يەرگە ئۇردى،" دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلارنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇپ بەرمەسلىك كېرەك
لىبېرال پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى دەنىس كودېررە ئولىمپىك فورمىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن تونۇلۇۋاتقان خىتايدا تىكىلىشىنىڭ كانادانىڭ قىممەت قارىشىغا زىت كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "كانادا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كانادادا تىكىلگەن كىيىملەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتايدا تىكىلگەن كىيىملەر بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنىڭ ئۆزى، كانادا توقۇمىچىلىق سانائىتى ئۈچۈن ئۇلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا نامايەن قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. كانادا توقۇمىچىلىق سانائىتى جان تالىشىۋاتقان بۇ پەيتتە، بۇ ھەرىكەت يەنە بىر زەربە بولدى،" دېدى.
ئۇ سۆزىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن، دۇنيادا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، كانادانىڭ بۇ خىل سادالارغا ھەم دوست بولماستىن،ئەكسىچە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قويۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.
كانادا توقۇمىچىلىق سانائىتى خىتاي ماللىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى
كانادانىڭ توقۇمىچىلىقى بولۇپمۇ كىيىم-كېچەك سانائىتى ئاساسەن فرانسۇزلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۇبەك شىتاتىغا مەركەزلەشكەن. شۇڭا بۇ شىتاتتىكى كۇبەك گۇرۇھى پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇ ئىشقا جىددىي پوزىتسىيىدە بولماقتا.
بىرقانچە يىلدىن بېرى،كانادا توقۇمىچىلىقى، بولۇپمۇ كىيىم-كېچەك ساھەسى خىتاي مەھسۇلاتلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. يېقىندىن بۇيان،كانادا دوللىرىنىڭ قىممىتىدىكى ئېشىش بىلەن،بۇ ساھە تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلار ئىشلىرىنى توختىتىشقا ۋە چەتئەللەرگە يۆتكىلىشىگە مەجبۇر بولغانىدى.
كانادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىس رۇدگە ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ قەيەردە تىكىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق تەكلىپ-پىكىردە بولمىغانلىقىنى، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقىنى، بۇ فورملارنىڭ خىتايدا تىكىلىشىدە پەقەت ئىقتىسادى ئۈنۈم كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە ۋانكوۋەردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2010-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە، كانادا ئولىمپىك ماھىرلىرىنىڭ كانادادا تىكىلگەن كىيىملەر بىلەن قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەتمۇ بەردى.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇلماسلىقى كېرەك
كانادا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى "سىياسىنى تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرماسلىق"نى ئىلگىرى سۈرۈپ،رەت قىلىپ كەلمەكتە.
كانادا پۇقرالىرى بولسا،كانادانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: " بۇ كىيىملەرنىڭ كۆپى ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان قۇل ئىشچىلارنىڭ قولىدىن چىققان. كانادا ئىقتىسادى ئۈنۈمنى قوغلاشماسلىقى كېرەك،" دېدى.
كانادا ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ فورمىلىرىغا مەسئۇل كىيىم-كېچەك لايىھىلەش شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بولسا، كانادا ئولىمپىك ماھىرلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ %80 ى خىتايدا تىكىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كانادادا لايىھىەلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا كانادا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە مۇكاپات ئېلىش مۇراسىملىرىدا پۈتۈنلەي كانادادا تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
