مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىر يىللىق سودا مىقدارى، كانادا - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئايلىق سودا مىقدارىغا توغرا كېلىدىكەن.
كانادانىڭ خىتاي بىلەن شېرىكچىلىك دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشتىكى ئارزۇ - ئارمانلىرى ناھايىتى يۇقىرى ئەمما، "خىتاي - كانادا سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بارمۇ - يوق؟ ئوتتۇرىدىكى ئەمىلى رېئاللىق شېرىن ئارزۇ - ئارمانلار مۇناسىۋەت قۇرۇشقا يېتەمدۇ يوق؟" دېگەن كۈچلۈك رىتورىك سوئاللار بىلەن باشلانغان بۇ ماقالىدا، كانادا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەمىلى رېئاللىق تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنغان.
ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلىدىكى كانادا - خىتاي ئىككى تەرەپلىك سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمى سودا مىقدارى 50 مىليارد كانادا دوللىرى ئىكەن. بۇنىڭ 40 مىليارد دوللىرى يەنى 80% ئى خىتاينىڭ كاناداغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇ بىر ئايلىق كانادا - ئامېرىكا سودا مىقدارىغا باراۋەر ئىكەن.
1997 - يىلى كانادانىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغان ئومۇمى ئېكسپورت مىقدارى ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان بولسا، نۆۋەتتە بەشتىن بىرىگە چۈشۈپ قالغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتور، كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر بىلەن كانادا سودا مىنىستىرى پېتىر ۋاڭغا "سىلەر تەكىتلەۋاتقان سودا تەرەققىياتى مۇشۇلاردىن ئىبارەتمۇ؟" دېگەن سوئالنى قويغان.
ماقالىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىغا دائىر، خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن رەقەملەر ساختا ئىكەنلىكى، 21 - ئەسىرنىڭ خىتاي ئەسىرى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ئىقتىسادشۇناس ۋە ئالىم لېستېر ترۇۋ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىغا ئائىت رەقەملەرگە ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادشۇناس ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كرىزىس مەزگىلىدىمۇ يۈكسەلگەنلىكىگە ئائىت ئىجابىي رەقەملەرنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەمەلدار باشلىقلارنىڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىزچىل ھالدا ياماننى ياخشى، يالغاننى راست، قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇ رەقەملەرگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ، يەنە بۇ خۇشامەتچى ئەمەلدارلار ئۆز ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تۆۋەن رەقەمنى يۇقىرى قىلىپ كۆرسىتىپ دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
"تورونتو قۇياشى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "قۇرۇق ئارزۇ - ئارمانلار بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا يەتمەيدۇ" سەرلەۋھىلىك ماقالىدىمۇ ئوخشاشلا ئاپتور خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ يۇقىرى رەقەملەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ھەممە كىشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇنچىۋالا تېز يۈكسەلگەنلىكىگە، بولۇپمۇ دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادى كرىزىس كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدىكى يۈكسىلىشكە ھەيران قالدى، ئەمما خىتاي كۆرسىتىۋاتقان بۇ رەقەملەر ھەقىقەتەن توغرىمىدۇ؟ دەيدىغان گۇمانى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولدى" دەپ يازىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، 21 - ئەسىرنىڭ خىتايلار ئارزۇ قىلىۋاتقاندەك خىتاي ئەسىرى بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادا يۇقىرى تەبىقە ئەمەلدارلىرىغا ساختا رەقەملەر بىلەن تولغان خىتاي ئىقتىسادى ۋەزىيىتىگە ئانچە قىزىقماسلىق ھەققىدە سىگنال بېرىپ، كانادانى "چۈجىنى كۈزدە ساناش"قا چاقىرغان.
ماقالىدا يەنە، خىتاي ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنىڭ مۇقىمسىز ۋە داۋالغۇش ھالەتتە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىشچىلار تەشكىلاتىغا ئەزا بىر دۆلەت بولغىنىغا قارىماي، خىتايدا ھېچبىر مۇستەقىل، ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، مەركەزدىن يەرلىككىچە بولغان بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدا ۋە مونوپوللۇقىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا خىتايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا رىقابىتىنىڭمۇ قانۇنسىز رىقابەت ئىكەنلىكىنى، خىتايدا سەل - پەل كۆرۈلىدىغان ئىش تاشلاش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئائىت زور مەسىلىلەرنى سۆرەپ چىقىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، خىتايدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىسيانغا ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەھلىل قىلىپ، خىتاينىڭ كانادا مەبلەغ سالغىدەك تىنچ ئەمىن بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدا يەنە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلانغان خىتاينىڭ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋەتمەسلىك بىلەن دۇنيا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا ئېكولوگىيىسى مەسىلىلىرىدە سەمىمىي بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، كانادانى بۇنداق سەمىمىيەتسىز بىر دۆلەت بىلەن سودىغا مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ - ئارمانلاردا بولماسلىققا چاقىرغان.
ئۇ يەنە، "ھەقىقەتەن ئامېرىكىلىقلار بىلەن كانادالىقلارنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ، ئەمما كېلەچەكتە بۇ كانادا ئۈچۈن بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن" دەپ يازغان.
يېقىندا خىتايدىكى تويوتا، خوندا ۋە فوكسكون شىركەتلىرىنىڭ ئىشچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مائاش ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.