كازافىينىڭ ئۆلۈمى ۋە لىۋىيىنىڭ كېلەچىكى
2011.10.21
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كازافىينىڭ ئۆلۈمى ئېچىنىشلىق بولغان. كازافىي ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا يارىلانغان ھالىتى بىلەن تىرىك چۈشكەن بولسىمۇ، ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 21-ئۆكتەبىر سانىدا مەشھۇر يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «بۇ نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق يوقىلىش» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «لىۋىيىدە نامايىش باشلانغان ۋاقىتتا كازافىي نامايىشچىلارنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمىغان ئىدى. ھەتتا ئۇلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا پۈتۈنلەي يوقىتىپ، لىۋىيىنى ئۇلاردىن تازىلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە نامايىشچىلارنى ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە كازافىي نامايىشچىلارنىڭ قولىغا چۈشكىنىدە ‹مېنى ئۆلتۈرمەڭلار، مېنى نېمە قىلىسىلەر؟› دەپ ئۆزىنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان بۇ ھاكىممۇتلەق ئۆلۈش ئالدىدا بەكمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋە قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىق ئۆلۈم بىلەن خۇلاسىلەندى. بۇ خۇددى سادام ھۈسەيىننىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ كەتكەن بىر ئىش ئىش. سادام ھۈسەيىنمۇ خورلىنىپ خەلقنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەندەك، كازافىيمۇ خەلقنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. ھەر ئىككىسىنىڭ ئائىلىسى پارچىلىنىپ ۋەيران بولدى. بۇ ئەسلىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ھاكىممۇتلەقلەر ئۈچۈن ئىبرەت بولۇشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى.»
كازافىينىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئالىدىغانلار يەنىلا ئاز
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «كازافىي لىۋىيىدە 42 يىل دىكتاتورىلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرى ئېزىلگەن شۇ خەلق تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلۈم بىلەن خۇلاسىلەندى. كازافىي ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايتتى، ئۆزىنى ‹ئەرەبلەرنىڭ كاتتىسى›، ‹پادىشاھلارنىڭ سەرخىلى›، ‹ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قوماندانى› دەپ تەرىپلەيتتى. لىۋىيە ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، شۇنچە كۆپ نېفىت چىقىدىغان باي بىر دۆلەتنىڭ خەلقى ئەڭ نامرات تۇرمۇشتا ھايات كەچۈرۈپ كەلدى. لىۋىيىنىڭ بايلىقىدىن كازافىي ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىلا پايدىلىناتتى. ئەمما خەلق يەنىلا يوقسۇللۇقتا ئىدى. بۇ زۇلۇم ساق 42 يىل داۋام قىلدى. ئاخىرى خەلق غەلىبە قىلدى ۋە زۇلۇم ئاخىرلاشتى. دۇنيانىڭ ھاكىممۇتلەقلىرى بۇ ۋەزىيەتتىن ئىبرەت ئالمامدۇ؟ بەشېر، سالېھ ۋە باشقىلارنىڭ تەقدىرى كازافىيدەك بولمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟»
لىۋىيىنىڭ كېلەچىكى قانداق بولىدۇ؟
ماقالىدا يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«كازافىينىڭ يوقالغانلىقى لىۋىيىلىكلەر ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئوڭاي ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما لىۋىيىلىكلەرنى بىر قاراڭغۇ كېلەچەك كۈتمەكتە. ئۇلار كازافىيدىن كېيىنكى لىۋىيىنى قانداق قۇرۇپ چىقىدۇ، نامايىش قىلغان خەلقنىڭ تەلىپىنى قانداق قاندۇرىدۇ؟ بۇ ئاساسلىق مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. 42 يىلدىن بىرى كازافىي بۇزۇپ قويغانلارنى تۈزۈش ۋە يېڭى بىر لىۋىيە قۇرۇپ چىقىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ لىۋىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ قىيىن ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر.»