لىۋىيىدە خەلقنىڭ كازافىيغا بولغان چۈشەنچىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى

لىۋىيە ھاكىمىيىتىنى قىرىق يىلدىن ئارتۇق چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان كازافىي ھەققىدىكى كونا رىۋايەتلەر مەسخىرىگە ئايلاندى. كازافىينىڭ ئىسلام سوتسىالىزمىغىمۇ كىشىلەر ئىشەنمەيدىغان بولدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.02.28
liwiye-bashliqi-305.jpg مۇستەبىت موامەر كادھافى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ خەلققە تەھدىت سالدى. 2011-يىلى 22-فېۋرال.
AFP

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 2-ئاينىڭ 26-كۈنى لىۋىيىگە قارىتا جازا قوللىنىپ، كازافىينىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ، شۇنداقلا ئىككى ئوغلى ۋە بىر قىزىنىڭ مۈلكىنى توڭلىتىپ، لىۋىيە خەلقىنىڭ مۈلكىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى 15 دۆلەت بىردەك ئاۋاز بېرىپ، كازافىيغا ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا جازا قوللىنىش، كازافىينى خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر لىۋىيىدە، خۇددى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ناۋى پىللاي ئېيتقاندەك، كازافىي ئۆز خەلقىگە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن پەيدا قىلدى، بۇنىڭدىن شىمالىي ئافرىقىدا ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى كېلىپ چىقتى. بۇنداق ئەھۋالدا، فرانسىيە باش مىنىستىرى فرانچايس فىللون بۈگۈن، ئۆز خەلقىنى ھەتتا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاپ بومبىلىغان تەلۋە كازافىيغا، ناتونىڭ لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنى چەكلەش چارىسىنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىدى، ئەمما ھازىر ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ جاۋابىنى كۈتىمىز، دەپ جاكارلىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى مۇھەممەد ئابباسنىڭ بۈگۈن لىۋىيىنىڭ بەنغازى شەھىرىدىن بايان قىلىشىچە، ھازىر لىۋىيىنىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى كازافىينىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمايدۇ. چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. ھازىر پۈتۈن لىۋىيىدە خەلقنىڭ كازافىيغا بولغان چۈشەنچىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. بۇرۇن خەلق ئەيمىنىدىغان كازافىي ھازىر خەلق مەسخىرە قىلىدىغان تەلۋە كازافىيغا ئايلاندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن لىۋىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان بەنغازىدا بىر كارتون فىلىمى كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. بۇ كارتون فىلىمىدە، قىرىق ئىككى يىلدىن بۇيان لىۋىيىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى چاڭگاللىۋالغان كازافىينىڭ، خەلق ئەيمىنىدىغان ئوبرازغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ خەلق تاۋاپ قىلىدىغان «ئىلاھى مەزھەپ» كە ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ سىرى ئېچىپ تاشلانغان. بۇ فىلىمدە خەلقنىڭ پۇللىرىنى ئوغرىلاپ چەتئەللەرگە يوشۇرۇپ يۈرگەن كازافىينىڭ ئەمەلىيەتتە «دەرىجىدىن تاشقىرى ئوغرى» كازافىي ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دەلىل-پاكىتلار كۆرسىتىلگەن. كازافىينىڭ لىۋىيىدىكى ئىسلام سوتسىيالىزمىنىڭ «پەيغەمبەر خىسلەتلىك» «قەدىردان داھىي» سى دېگەن توقۇلما ئوبرازى قاتتىق مەسخىرە قىلىنغان.

ب ب س بۈگۈنكى ئۇچۇرلىرىدا، كازافىينىڭ تەرجىمە ھالىغا دائىر پارچىلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، كازافىي 1969-يىلى 27 يېشىدا، قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ لىۋىيىنىڭ پادىشاھى ئىندىسنى ئىى نى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى داھىي دەپ ئېلان قىلغان ۋە لىۋىيىنى «ئەرەب لىۋىيە ئىسلام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى» دەپ جاكارلىغان، 1973-يىلى لىۋىيىدە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان.

1982-يىلى كازافىي خەلقئارادىكى تېررورچى تەشكىلاتلارنى ئاشكارا قوللاشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا لىۋىيىدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتقان. كازافىي 1986-يىلى بېرلىن قاۋاقخانىسىدىكى چوڭ پارتلاش ۋەقەسىدىن باشقا يەنە، پان ئامېرىكا ھاۋا قاتنىشىنىڭ يولۇچى ئايروپىلانىنى شوتلاندىيىنىڭ ئاسمىنىدا پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. ئەمما كازافىي 2003-يىلى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىدىغان قوراللارنى ياساشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغاندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرى ئۇنىڭ بىلەن مۇرەسسە قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندولىزا رايس خانىم كازافىي بىلەن كۆرۈشتى. كازافىي لىۋىيىدە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان 40 نەچچە يىل ئىچىدە، ئىسلامچىلار ئۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى ۋە كازافىينى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە تۆت قېتىم ھۇجۇم قوزغاپ، غەلىبە قىلالمىدى.

ۋىكى ئىنىسكىلوپىدىيىسىدە بايان قىلىنىشىچە، «ئىسلام سوتسىيالىزمى» دېگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا يولغا قويۇلۇپ مەغلۇپ بولغان ماركسىزم نەزەرىيىسىدىكى سوتسىيالىزمدىن ئۆزگە بىر پەلسەپىۋى چۈشەنچە. بۇنداق چۈشەنچە رۇسىيىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەرەب ئەللىرىدە پەيدا بولغان. ئۇ، ئەرەب مىللەتچىلىكى بىلەن ئىسلامنى ۋە ماركىسچە سوتسىيالىزمنى بىرلەشتۈرۈپ، قۇرئان ئەقىدىلىرىنى سوتسىيالىزم دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بىر پەلسەپىۋى ئېقىم. پاكىستان ئىسلام شائىرى ئىقبال، ھىندىستان ئىسلام نەزەرىيىچىسى ھاپىز، سۈرىيىلىك مۇستافا قاتارلىق كىشىلەر ئىپادىلىگەن پىكىرلەر بۇنداق نەزەرىيىنىڭ ۋەكىللىرى. ئەمەلىيەتتە ئىسلام سوتسىيالىزمى بىلەن ماركىسچە سوتسىيالىزمنىڭ دىنسىزلىق تەشەببۇسى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش بار. ئەمما، بۇ ئىككىسىنىڭ خۇسۇسىي كاپىتال (مۈلۈك) نى قوغداش، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى تەڭشەش تەشەببۇسلىرى توقۇنۇشمايدۇ. بۇنداق ئىسلام سوتسىيالىزمى تۇنىس، سۈرىيە، يەمەنلەردە سىناق قىلىنىش جەريانىدا، ئىسلامنىڭ بىردىن-بىر ئاللاھ قا ئېتىقاد قىلىش قارىشى بىلەن بۇ دۆلەتلەردىكى ئەمەلىيەتتىكى «داھىي»، «پادىشاھ» لارغا چوقۇنۇش ئوتتۇرىسىدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.