سىياسىي مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى نېمە ئۈچۈن ئاخىرلاشمايدۇ؟ (1)
2012.08.24
ئۇ 1993-يىلى سوتلىنىپ 12 يىللىق كېسىلگەن. شۇ قېتىمقى ھۆكۈمدە، ئۇنىڭ جازا مۇددىتى 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. 12 يىلنى تەقەززالىق بىلەن تولدۇرغان ئائىلىسى مۇددىتى توشقان كۈنى تۈرمىگە بارغىنىدا، ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 3 يىل ئۇزارتىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۇ ئۈچ يىل توشقاندا يەنە 3 يىل ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. نەتىجىدە جەمئىي 4 قېتىم ئۇزارتىلىپ، جازا مۇددىتى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر بېكىتىلگەن. نۆۋەتتە كېرەم ئابدۇۋەلى ئاپتونوم رايونلۇق 3-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئۇنداقتا، كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى نېمە ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ؟
مەلۇم بولۇشىچە، كېرەم ئابدۇۋەلى ئۈستىدىن 2002-يىلى، 2005-يىلى، 2008-يىلى ۋە 2009-يىلى بولۇپ، تۈرمىدە جەمئىي 4 قېتىم سوت ئېچىلغان. تۈرمە دائىرىلىرى ئالدىنقى 3 قېتىملىق سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى مەھكۇمنىڭ ئائىلىسىگە بەرمىگەن؛ پەقەت 4-قېتىملىق سوتنىڭ ھۆكۈمىنىلا ئائىلىسىگە بەرگەن. 4-قېتىملىق سوت، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان. ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، كېرەم ئابدۇۋەلى تۈرمىدە تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن. ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ نامى «تۈرمىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بۇزۇش»، ھۆكۈمنامىدە كۆرسىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرى بولسا، ناماز ئوقۇش، نارازى بولغاندا ئاچلىق ئېلان قىلىش، جىنايەتچىلەرنىڭ 38 ماددىلىق ھەرىكەت ئۆلچىمىنى يادلاشنى رەت قىلىش، خىتاي جىنايەتچىلەردىن بېكىتىلگەن نازارەتچىگە بويسۇنماسلىق. سوت كۈنى كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەنلەر بولسا، تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 5 نەپەر خىتاي جىنايەتچى بولۇپ، ئۇلار خەن چياڭ، ليۇ شاۋلىن، لى تيەنباۋ، ۋاڭ چاۋ، دۇ شيەنفا، يۈ ياچى قاتارلىقلار. ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىسمى ئاتالغان خىتاي جىنايەتچىلەر، كېرەم ئابدۇۋەلىگە نازارەتچى قىلىپ بېكىتىلگەن. كېرەم ئابدۇۋەلى سوت كۈنى پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان.
مەھكۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېرەم ئابدۇۋەلى ئاچلىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى چاقىرتىپ، كېرەم ئابدۇۋەلىگە تەربىيە بېرىشنى، يەنى ئۇنى نامازنى تەرك قىلىشقا ۋە ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختىتىشقا كۆندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. مەھكۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان.
كېرەم ئابدۇۋەلى راستىنىلا تۈرمىنىڭ تۈزۈمىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە جازا چېكىۋاتامدۇ ۋە ياكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىقىشىنى خالىمىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قوبۇل قىلغىنى بولمايدىغان شەرت ۋە تەلەپلەرنى قويۇۋاتامدۇ؟ بىر دىنىي زاتتىن نامازنى تەرك قىلىشنى تەلەپ قىلىش، ئۇنى قاماقخانىدا مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ باھانىسىمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسقا خىتاي ئىجتىمائىي جىنايەتچىنى نازارەتچى قىلىپ بېكىتىش، مەزكۇر مەھبۇسنى ئىسيانغا مەجبۇرلاشمۇ-ئەمەسمۇ؟
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.