12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كوپېنھاگېندا باشلانغان 12 كۈنلۈك خەلقئارا كىلىمات سۆھبىتى بۈگۈن، خۇددى دانىيە باش مىنىستىرى لارس راسمۇسسېن ئېچىش نۇتقىدا ئېيتقاندەك، پۈتۈن دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا كېلىشىم ئىمزالىنىدىغان ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
دېمەك بۈگۈنكى پۇرسەت، "كيوتو كېلىشىمى"نىڭ ۋاقتى 2012 - يىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يەرشارى ئىسسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۈتۈن دۇنيا رىئايە قىلىدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئاخىرقى پۇرسەت.
ئوباما بىلەن ۋېن جاباۋ بۈگۈن ئايرىم كۆرۈشۈپ بىر سائەت سۆزلەشتى
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بۇيىچە ھاۋاغا ئەڭ كۆپ "پارنىك گازى" قويۇپ بېرىدىغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى - ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بۈگۈن ئايرىم كۆرۈشۈپ بىر سائەت سۆزلەشتى. ئاق ساراينىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بىلەن ۋېن جاباۋنىڭ بۈگۈنكى ئايرىم سۆھبىتى، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كېلىشىم ئىمزالاش ھەققىدىكى قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سۆھبەت بولدى.
BBC نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئوباما بىلەن ۋېن جاباۋ، بىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى، يەنە بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە كۆرۈشتى.
بەزى دۆلەت باشلىقلىرى 'باي دۆلەتلەر بۇ كىلىمات سۆھبىتىنىڭ ئاخىرى پۇرسەتلىرىگە كاشىلا قىلدى' دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن كېچىلەپ ئىشلەۋاتقان كىلىمات سۆھبەتچىلىرى بۈگۈن، دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا كېلىپ بولغاندىمۇ، تېخىچە بەزى مۇھىم ماددىلار ئۈستىدە قاتتىق تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان ئىدى. يىغىن زالىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ۋېنسۇئىلا پرېزىدېنتى چاۋەز 'ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يىغىنغا كېچىكىپ كەلدى، باي دۆلەتلەر بۇ كىلىمات سۆھبىتىنىڭ ئاخىرقى پۇرسەتلىرىگە كاشىلا قىلدى' دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىندىن چىقىپ كەتتى.
'ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرىنى قۇتقۇزۇش' شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ كىلىمات سۆھبىتى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، يەر شارى ئىسسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن تۈزىدىغان كېلىشىم ھەققىدە، دۆلەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ۋە تالاش - تارتىشلار بەزىدە ئىنتايىن جىددىي بولدى. ئاخىر بىر چوڭ مەسىلىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل بولدى. ئۇ بولسىمۇ، ئورمانلارنى كېسىش ياكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشى پەيدا قىلغان "پارنىك گازى" نىڭ مىقدارىنى ئازلىتىش پىكرى ئومۇميۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا "ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرىنى قۇتقۇزۇش " شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارا كىلىمات سۆھبىتىدە، دۆلەتلەر ئارا يۇقىرىدا بايان قىلغان ئورمانلىقلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان ئورمانلارنى كېسىش ياكى ي ياكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئازلاشتىن پەيدا بولغان پارنىك گازىنىڭ مىقدارىنى ئازلىتىش ئۆلچىمىنى قوللاشتا جەھەتتە ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان ھاۋا غا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك گاز مىقدارىنى ئازلىتىش ئۆلچىمى بۇيىچە نامرات دۆلەتلەرگە تۆلەم بېرىش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل بولدى.
ئورمانلىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن مەبلەغلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە كۈچلۈك سادا كۆتۈرۈلدى
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا، ئورمانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن مەبلەغلەرنى باشقا ئورۇنلار ھەرخىل باھانە كۆرسىتىپ، ھەتتا ئورمان بىنا قىلىمەن دېگەن نام بىلەن يۆتكەپ ئىشلىتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك سادا كۆتۈرۈلدى.
ئوباما يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا، بۈگۈن بەزى دۆلەتلەر تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا، ھەممە دۆلەت قوبۇل قىلىدىغان بىر كېلىشىم ئىمزالىغىلى بولىدۇ، دېدى
كىلىمات سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى يىغىنى ھەققىدە يوللانغان ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوباما يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى كىلىمات سۆھبىتىدە، پۈتۈن دۇنيا رىئايە قىلىدىغان قانۇن خاراكتېرلىك كېلىشىم ئىمزالاش ئەمەس، بەلكى ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك گازنى ئازلىتىش ئۆلچىمى ھەققىدىمۇ تېخىچە بىر كېلىشىم ئىمزالانمىدى، ئەمما بۈگۈن بەزى دۆلەتلەر تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت قوبۇل قىلىدىغان بىر كېلىشىم ئىمزالىغىلى بولىدۇ، دېدى.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنمۇ نۇتقىدا، ھەممە دۆلەتنى، دۇنيا بۇيىچە بىر ئورتاق كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن مۇرەسسە، ھېسداشلىق ۋە باتۇرلۇق قىلىشقا چاقىردى.