خىتاي «بۈيۈك كروران قۇرۇلۇشى» غا مەبلەغ ئاجراتماقچى

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «بۈيۈك كروران قۇرۇلۇشى» غا مەبلەغ ئاجراتماقچى بولغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.11.17
4000-Yilliq-momiya-305.jpg گېرمانىيىنىڭ بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان، 2007-يىلى 14-ئۆكتەبىردىن تارتىپ 2008-يىلى 14-يانۋارغىچە داۋاملاشقان، «يىپەك يولىنىڭ ئەسلى قىياپىتى» ناملىق كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلگەن، ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان، 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇمىيا.
AFP Photo

كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بايقالغىنىغا بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى قېزىشنىڭ تۇنجى بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان بۇ قەدىمىي مىراسنى قوغداشقا ئىزچىل سەل قارىلىپ كېلىنگەن ئىدى.

خىتاي زىيالىيلىرىدىن خېتاۋ، چېن ئەن قاتارلىقلارنىڭ شىنخۇا تورىدا 16-نويابىر ئېلان قىلغان «دۆلەت بۈيۈك كروران قۇرۇلۇشىنى قوزغىماقچى» ناملىق ئۇزۇن زىيارەت ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كروران قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە قېزىش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن. بۇ يەرگە 30 مېتىر ئېگىزلىكتە مۇنار ياساپ، قەدىمىي شەھەر خارابىلىكىنى يۇقىرىدىن كۆزىتىش شارائىتى ھازىرلايدىكەن. بىراق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك يادنامىلىرىدىن بىرى بولغان بۇ قۇرۇلۇشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك مەبلەغ سەرپ قىلىدىغانلىقى، قانداق كونكرېت قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ماقالىدە بايان قىلىنمىغان. ھازىر بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىدە ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداش نامىدا سۈي يوۋسىڭ، ياڭ جۈن، لى پىڭفېي، گاۋ لىتاۋ قاتارلىق تۆت خىتاي ياشاۋاتماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنىڭ بىر ئۇچى بولغان كروران قەدىمىي شەھىرى دۇنياغا مەشھۇر «كروران گۈزىلى» تېپىلغان جاي. بۇ سىرلىق قەدىمىي شەھەر 1901-يىلى شۋېتسىيىدىكى ئېكسپېدىتسىيىچى سېۋىن ھېدىن تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان، شۋېتسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەردە بۇ شەھەر توغرىسىدا قانچىلىغان كىتابلار ۋە قانچە يۈزلىگەن ماقالىلەر يېزىلغان. ياپونىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىدىمۇ كروران قەدىمىي شەھىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئىشغال قىلغىلى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ قەدىمىي شەھەرنى قوغداش توغرىسىدا ئەتراپلىق، مۇكەممەل بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان.

«دۆلەت بۈيۈك كروران قۇرۇلۇشىنى قوزغىماقچى» ناملىق ماقالىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قۇرۇلۇشقا گۇاڭجۇدىكى مەلۇم بايلار مەبلەغ سېلىشنى خالىغان. بۇنىڭدىن خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ خىتاي بايلىرىنىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى بۇ مەشھۇر قەدىمىي شەھەرگە جەلپ قىلىپ، بايلىق توپلىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى سېزىلمەكتە. خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى كروران قەدىمىي شەھرى توغرىسىدىكى تەسىراتى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم كروران قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نامىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ قىممەتلىك مىراس ئۈچۈن بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ھادىسە. تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىدىن سىرت، ئاسارئەتىقە ئوغرىلىرىنىڭ بۇ قىممەتلىك مەنبەلەردىن قەدىمىي مىراسلارنى ئوغرىلىقچە قېزىش، ئەتكەس ماللار ئورنىدا سېتىپ خەجلەش ھادىسىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق. شىنخۇا تورى 14-نويابىردىكى «جۇڭگو ساقچى تەرەپ ئوغرىلىقچە مەدەنىي مىراسلارنى قېزىش چوڭ ئەنزىسىنى پاش قىلىپ، غەربىي دىيارنىڭ 3600 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تەئەللۇق بولغان بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنىڭ ئوغرىلىنىش ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا. بۇ ئوغرىلانغان مەدەنىي بۇيۇملار تارىخى ئۇزۇن بولغان ناھايىتى قىممەتلىك تام رەسىملىرى، توقۇلما بۇيۇملار، ياغاچ ۋە ساپال بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى كۈندىن بېرى بۇ توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە خىتاي تور بەتلىرىدە داۋام قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.