شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كۈنلۈك يىغىنى مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا توغرا كەلگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى 10 يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ۋە كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ئېلىشتۇر. بىر كۈنلۈك باشلىقلار يىغىنى ئاخىرىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بىخەتەرلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بىخەتەرلىك مەسىلىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك يىغىنلىرىدا ئىزچىل مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاخباراتتا يەنە، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بارلىق شەكىللىرى شۇنداقلا يەنە زەھەرلىك چېكىملىك، قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
ئاستانىدىكى باشلىقلار يىغىنى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەزكۇر ئورگاننى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى، مۇساپىرلار كېلىشىمى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى خەلقئارا ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا سەلبىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. بۇ قاراشتىكى تەشكىلاتلار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كونكرېت مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شارۇن خۇم، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە مەسىلە بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا چېكىدىن ئاشقان كۈچ ئىشلىتىش بىلەن تەنقىد قىلدى. ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلار سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش، تەن جازاسى بېرىش، كىشىلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئىشلىرىدا جىددىي ئەندىشە قوزغىغان دۆلەتلەر. شۇنداقلا يەنە ئۇلار ئىرقىي كەمسىتىش، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا مىللىي كەمسىتىش قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ئېنىقلانغان دۆلەتلەردۇر. ئۇلار تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى دەرىجىدىن تاشقىرى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋالغان» دەپ كۆرسەتتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇشنى مەركەز قىلغان تېررورلۇق تەلىماتى خىتاي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، باشقا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر تەلىمات ب د ت نىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدۇ. مەركىزى نيۇيوركتىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى خارون خۇم، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئۆكتىچى گۇرۇھلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«سىز شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش نامى ئاستىدا بۇنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، پائالىيەت قىلغان ھەر قانداق شەخس ۋە گۇرۇھنى باستۇرىدىغان بىر باھانە بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇلار خىتاينىڭ ئۈچ خىل كۈچلەر تەلىماتى ئاستىدا بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، تېررورلۇق بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە جازاغا تارتىلماقتا.»
خىتاي يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى يەنە تەكىتلەشكە باشلاپ، ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەردە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان. مانېۋىر جەريانىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مىڭ خۇڭۋېي قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى» نىڭ «شىنجاڭ» چېگراسىغا كىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغاپ، خىتاي ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ب د ت چىقارغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇنى تەتبىقلاشقا چاقىرىدىغان چاقىرىقلار كۈچەيگەن ئىدى.
شارۇن خۇم خىتاي ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۆلچىمىگە ماس ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ، «خىتاي خەلقئارا جامائەتنى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرغاندا، ئۇ چوقۇم ب د ت نىڭ ھازىرقى يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزىگە تەتبىقلىشى لازىم. ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مەركەز ئىكەنلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن بىلەن ئىش قىلىش تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ تۈپ پرىنسىپى. سىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلماي، قانۇن بىلەن ئىش كۆرمەي، تېررورلۇققا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلالمايسىز» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە «5 ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئا ر يېڭى پارتىيە رەھبىرى جاڭ چۈنشيەن ئۆزىدىن بۇرۇنقى پارتىيە سېكرىتارىغا قارىغاندا ئۇنچىلىك پارىخوردەك كۆرۈنمىسىمۇ، لېكىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ ئا ر ۋە تىبەتكە قاراتقان ئەمەلىيەتتىكى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇلار يەنىلا ئۇيغۇرلارغا قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ئىكەن. شارۇن خۇم ئەسكەرتىپ، «تىبەت بىلەن شىنجاڭدا ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشتا يەنىلا مەسىلە مەۋجۇت» دەيدۇ.