ئەمما قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ھەر قايسى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا يۈرگۈزۈلۈشىدە پەرقلەر بار. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان بىر تىللىق مائارىپقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دېيىلىۋاتقان قوش تىل مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي يەنە، ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل يېزىق خىزمىتى نىزامىغىمۇ خىلاپ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، تىل، يېزىقىنى قوللىنىشتا قايسى خىل ھوقۇقلارغا ئىگە، بۇنىڭ قايسىلىرى ئىجرا قىلىندى؟ ئۇيغۇرلار يەنە قايسى خىل ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالماقتا؟
خىتاي رادىئو تورى ئۇيغۇرچە تورىنىڭ 9-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مائارىپ تارماقلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ دەرسلىك ئىسلاھاتى تەلىپىگە ئاساسەن، مىللىي رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىرى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزىقتىكى دەرسلىكلەرنى ئىشلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن جايلار ئاكتىپ شارائىت يارىتىپ ئانا تىلدا دەرس ئۆتىلىدىغان مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەدرىجىي ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىدىكەن، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان مىللىي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مىللىي تىل-يېزىق دەرسى تەسىس قىلىپ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر مەكتەپتە ئىلىم ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىساق، نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن قانۇنلىرىغا خىلاپلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرەلەيمىز، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مائارىپنىڭ كۆلىمى بويىچە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدا ئوقۇشقا مەجبۇرلاش خاھىشىنى ئالغان سىياسەتلەر يۈرگۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە ئانا تىلدا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىنى تەدرىجىي كېمەيتىپ، يەرلىك مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىلىدىكى مائارىپتىن مەھرۇم قالماقتا ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئانا تىلنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمران تىل ئىگىلەشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.
ئەمما، خىتاي تۈزگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامىنىڭ 2-ماددىسىدىمۇ «تىل-يېزىق خىزمىتىدە مىللەتلەرنىڭ تىلى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆز -ئارا ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، تىل يېزىقنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئىشلىرى ۋە سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت» دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ نىزامىنىڭ يەنە 3-باب 18-ماددىسىدا، ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىل، يېزىقى ھەققىدىكى ئاساسىي مائارىپنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە تەدرىجىي ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى، خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىشى كېرەك.....» دەپ بەلگىلەنگەن.
خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قانۇنىي قوغدىلىشى شەرت قىلىنغان يۈكسەك ھوقۇقلىرى بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ھوقۇقى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن كاتارىنا توماسېۋىسكىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر تىلىنىڭ يوقاپ كېتىشى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسىدە دەيدۇكى «بۇنداق ئانا تىل كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسىنى بېشىدىن كەچۈرگەن مىللەتلەردە، ئانا تىلنى تەرك ئېتىش بەدىلىگە ھۆكۈمران تىلنى ئۆگىنىش تەدرىجىي، ئاتا ئانىلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالمىشىشىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئەۋلادلار تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ، بۇ كېيىنچە يەرلىك تىلنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»
شۇنداقلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1948-يىلى ماقۇللىغان «ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش توغرىسىدىكى كېلىشىم» نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندىمۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ھۆكۈمران تىلىدا ئوقۇشقا مەجبۇرلايدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى بىر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خەلقئارالىق جىنايەت ياكى ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەت دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىل، يېزىقىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى قايسى خىل ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلماقتا؟ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىياسەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىل -يېزىق ۋە مائارىپ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىشى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ھەمدە خەلقئارالىق قانۇنلاردا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا بىر مىللەتنىڭ، بولۇپمۇ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈش ھوقۇقى ھۆكۈمەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۇرۇقلۇق يەنە شۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ئارقىلىق بۇ ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى ياكى دەپسەندە قىلىشى، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان جىنايەت دەپ كۆرسەتتى ۋە يەنە بۇنىڭ جىنايەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنىڭ، ئەلۋەتتە شۇ قانۇنىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى تونۇپ، بۇ ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.