دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدا خىتايدا ئەرزدارلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى تۇتقۇن قىلىندى
2010.12.08

10- دېكابىر كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدا خىتاي ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن. بوشۈن، يېڭى دەۋر، چوڭ ئىرا قاتارلىق خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ، جەنۇبىي ۋوگزالدىكى ما جياباۋ دېگەن يەردىكى ئەرزدارلار ئۈچۈن تەييارلانغان يىغىۋېلىش ئورنى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بېيجىڭدا تەسىس قىلىنغان ئىش باشقۇرۇش ئورنى نامىدىكى «قارا تۈرمە» لەرگە قامىلىشقا باشلىغان.
بوشۈن تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-5- دېكابىر كۈنلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئەرزدارلار جەنۇبىي ۋوگزالدىكى ما جياباۋ يىغىۋېلىش ئورنى ھەم ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا يالاپ كېتىلگەن. ئەمما، 5- دېكابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 ئەتراپىدا جياڭسۇدىن كەلگەن 9 نەپەر ئەرزدار مەخسۇس ئەرزدارلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېتىدىغان << béyjing p w 29 o 3>> بەلگىسى بار ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن 8 نەپەر قوغدىغۇچى خادىم تەرىپىدىن ئاپتوموبىلغا سۆرەپ چىقىلغان مەزگىلدە، قوغداش خادىملىرىنىڭ ئەرزدارلارنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بېيجىڭ ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، يالاپ مېڭىلغان ئەرزدارلارنى قۇتقۇزۇۋالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىن بۇيان بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار تۇتۇپ كېتىلگەن ئەرزدارلارنى تېپىش ھەم ئۇلارنى «قارا تۈرمە» لەردىن قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن. بوشۈن تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار جەنۇبىي ۋوگزالغا يېقىن بۇرۇنقى جىڭلىڭ مېھمانخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، بۇ يەرگە قامالغان ۋاڭ گۇيلەن قاتارلىق 10 نەچچە نەپەر ئەرزدارنى قۇتقۇزۇپ چىققان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەرزدارلار ۋە نەق مەيداندىكى بېيجىڭ ئاھالىلىرى 110 ساقچى نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ، جەنۇبىي ۋوگزال ئەتراپىدىكى جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، فۇجىيەن قاتارلىق جايلارنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى دەپ ئاتالغان «قارا تۈرمە» لەرگە ئەرزدارلارنىڭ قانۇنسىز سولاپ قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرزدارلار توپلانغان جايغا يېتىپ كەلگەن بېيجىڭ ساقچىلىرى ئەرزدارلارنى قالايمىقانچىلىق چىقارماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەرزدارلارنى ھەم توپلانغان ئاممىنى تارقىتىۋەتكەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا يەنە ئۇيغۇر ئەرزدارلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قايتۇرۇپ كېتىلگەن. قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بېيجىڭ ئاھالىلىرى ئاچقان ئەرزان باھالىق ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا تۇرۇپ داۋاملىق ئەرز قىلماقتا ئىكەن. ھاۋا سوۋۇپ كەتكىنى ھەم جايلاردىن كەلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ئەرزدارلار، ھازىر ئىلگىرى تۇرۇۋاتقان بېيجىڭدىكى يەر ئاستى يولىنىڭ كۆۋرۈكى ئاستىدىن يۆتكىلىپ، بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ يەر ئاستى ئۆيلىرىدە ھەم شەھەر ئەتراپىدىكى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ كۈلبىلىرىدە پاناھلانماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە خىتايدىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە ئەسەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى-سەنئەتكارلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم ئەرزدارلار ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئادۋوكاتلارغا قارىتىلغان نازارەت ھەم چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. 2010- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەم ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان زىيالىيلارنىڭ ھەر قانداق باھانىلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشىنى توسقان.
يېڭى دەۋر تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تەخمىنەن 40 تىن ئارتۇق يازغۇچى، سەنئەتكار كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھەرىكىتى تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چەتئەللەرگىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز ئائىلىسىدىن سىرتقا چىقىشى، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن ئىكەن.
شەپە ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يەنى ليۇ شياۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلىش مۇراسىمى ھارپىسىدا، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنى تۇتقۇن قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم خەلق ئارىسىدا تونۇلغان يازغۇچى، سەنئەتكارلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش ھېسابلىنىدىكەن.