ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئىز دېرەكسىز يوقالغان ۋە قانۇنسىز جازالانغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە مۇزاكىرىگە قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى

بۇ بىر ھەپتە خىتاي ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى كۈچلۈك خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كەلگەن بىر ھەپتە بولۇپ قالدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.27
michael-posner-305.jpg ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى Michael H. Posner . 2009-يىلى 23-سېنتەبىر.
state.gov

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئاخىرى بېيجىڭدا باشلاندى. ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پوسنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى چېن شۈ رەھبەرلىك قىلغان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارىسىدا چارشەنبە كۈنى باشلانغان سۆھبەت ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ۋە تىبەتلەرنى تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش، نەزەربەند قىلىش شۇنداقلا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى كۈچەيتىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچرىغان ناھايىتى سەزگۈر بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈشىدۇر.

بەزى ئانالىزچىلار، ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدىكى ئىبارىلەرگە قاراپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ بۇرۇنقى سۆھبەتلەردىن پەرقلىنىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كەسكىن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ يىغىندا ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ «ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىشى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىشى، قولغا ئېلىنىشى ۋە جازالىنىشى قاتارلىق خىتايدىكى يېقىنقى سەلبىي يۈزلىنىشكە دائىرىلەر مەسىلىلەردە» بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىلىدىغانلىقنىڭ بېشارىتى بېرىلگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى بېيجىڭدىكى سۆھبەتكە دائىر بىر خەۋىرىدە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا «كۈچلۈك سىنگال بېرىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

 لېكىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى قىزىقتۇرىدىغان نۆۋەتتىكى مەسىلە ‏-قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەمەس، بەلكى سۆھبەتنىڭ قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرىقى سۆھبەتلىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىگە نىسبەتەن گۇمان كۈچىيىپ، بۇ خىل سۆھبەتلەرنىڭ ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى توسۇپ قالالمايۋاتقانلىقى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ قاتتىق قول بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكا براۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شۇ ۋېنلى ئەپەندى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەت ھەققىدە توختىتىلىپ، بۇنىڭ مەلۇم ئىجابىي رولى بار، دەپ قارايدىغانلىقى، بىراق جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۆھبەت بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ۋە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئاۋازىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگىنى بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭ ئەھمىيىتى بار دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە بۇنىڭ ئىلگىرى مەلۇم نەتىجە بەرگەنلىكى كۆرۈلگەن ئىدى. لېكىن نوقۇل بۇ خىل شەكىلگە تايىنىپ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولۇش، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالى كۈچەيگەن بۇ ئەھۋالدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يېقىندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ قارا جەمئىيەتلىشىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى كۆردى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش يەنىلا جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئويغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك. يەنى، بۇ پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسى ھەم تەلىپىگە باغلىقتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى تىبەت، خىتاي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا ھەر خىل ئۈمىدلەرنى باغلىغىنىدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىمۇ بېيجىڭدىكى يىغىندىن كۈتىدىغان ئۆزىگە تۇغلۇق ئۈمىد ۋە تەلەپلىرى بار.

ئۇلار بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز سوتلاش، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ جازالىغان ئۇيغۇر ژۇرنالىست، تور باشقۇرغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىش، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»گە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي سوت ۋە ئۆلۈم جازالىرىنى توختىتىش، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرى ئالىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىغا جاۋاب بېرىش ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇلارنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش، كامبودژا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆھبەت باشلىنىش ئالدىدا رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، بېيجىڭدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا تەرەپ بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت جەريانىدا يەنە «قانۇننىڭ رولى، دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ئەركىنلىكى، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى» قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سۆھبەت باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىيە گىللارد خانىم خىتاينى 3 كۈنلۈك زىيارەت قىلىپ، ۋېن جياباۋ ۋە خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە بۇ جەرياندا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلار، ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرب ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۇ ۋېن لى ئەپەندى بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: شىنجاڭنىڭ مەسىلىسى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى. بۇ ئەھۋالدا مەزكۇر مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئايلاندى. بۇ ناھايىتى نورمال بىر ئەھۋالدۇر. ھالبۇكى،ھازىر يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئاخبارات كونتروللۇقى، تور كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىشى، ئەي ۋېيۋېيغا ئوخشاش ئۆكتىچى زاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزىنىڭ دىققەت نەزىرىنى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئاغدۇرىدۇ.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك خەلقئارا بېسىملارغا قايتۇرغان ئىنكاسى ناھايىتى ئۆكتەم بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى غەرب ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بېسىمىنى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ رەت قىلىشتۇر.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭلېي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ، «جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى نەتىجىسى ھەممە ئادەمگە ئايانلىقى»، «شۇڭا جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممىدىن بەك سۆزلەشكە ھوقۇقلۇق» ئىكەنلىكى ۋە شۇنداقلا «باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.