مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئىلگىرىكى بۇ خىلدىكى دوكلاتلارغا ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى بولسا، ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ئاساسىدا يېزىلغانلىقىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسى" نى يولغا قويۇشىنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 10 - دېكابىر ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2007 - يىلى 13 - سېنتەبىردە دۇنيادىكى باشقا 142 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسى" نى يولغا قويۇشىنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ مەزكۇر خىتابنامىنى قوللاپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئومۇمەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە زەربىگە ئۇچرايدىغان گۇرۇپپا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق ماددىلارنى قوللايدىغانلىقى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مەزكۇر خىتابنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق ماددىلارنى دېگۈدەك دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەيمىي رىگېر خانىم: "بۇ دوكلات ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن يەرلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ"
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەييارلىغان بۇ دوكلات " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسى ۋە شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى" نامىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خادىمى ئەيمىي رىگېر ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ھېنري شاجەفىسكى ئەپەندىلەر بىرلىكتە تەييارلىغان.
مەزكۇر دوكلات ھەققىدە توختالغان ئەيمىي رىگېر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسى" دە كۆرسىتىلگەن بارلىق ھوقۇقلارنى ھەر جەھەتتىن دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: " بۇ دوكلات ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن يەرلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ."
"بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسى" 2006 - يىلى ئىيۇندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
2007 - يىلى 13 - سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 142 دۆلەتنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى ئاساسىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق خىتابنامىسىنى رەسمىي قوبۇل قىلغان ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۆججەت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئورتاق باياناتنامىغا ئايلانغان.
دوكلاتتا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىتاپنامىسىدا، يەرلىك خەلق دېگەن ئۇقۇمغا تۆۋەندىكى ئېنىقلىما بېرىلگەن: " يەرلىك خەلق دېگىنىمىز، ئۇلار شۇ يەرگە كۆچمەنلەر كۆلەملىك ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرى ياشىغان خەلقنىڭ ئەۋلادى بولۇشى، مەدەنىي ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىش شەكلى كۆچۈپ كېلىپ كۆپ سانلىققا ئايلانغان نوپۇستىن پەرقلىق بولۇشى، سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلغان، نامراتلىقتا قالغان، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، قارشى ئېلىنمايدىغان تەرەققىياتلاردىن قوغدىنىشقا قادىر بولالمىغان مىللەتلەردۇر."
دوكلاتتا يۇقىرىقى ئېنىقلىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ھەر جەھەتتىن تامامەن تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ يۇقىرىقى خىتابنامىسىنى قوللاپ بىلەن تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا يەرلىك مىللەت بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا يەرلىك مىللەت بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى خادىمى ئەيمىي رىگېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي بۇنى ئېتىراپ قىلسا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان يەرلىك مىللەت ھوقۇقلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.
"ئەگەر خىتاي ئۆز تېررىتورىيىسى ئىچىدە يەرلىك مىللەت بارلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقىلارنىڭ خىتايدىكى يەرلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى دېگەنلىكتۇر. شۇنداق بولىدىكەن، خىتاي يۇقىرىقى خىتابنامىگە ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن بۇ مىللەتلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ھوقۇقلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ ."
ئەيمىي خېنىم يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەرلىك مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە ئېلان قىلغان خىتابنامىنىڭ ئۇيغۇر نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە ماس كېلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەييارلىغان بۇ دوكلات جەمئىي 51 بەتلىك بولۇپ، دوكلات ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئىمزا قويغان خەلقئارا ئەھدىنامىلارنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۆزى ئېلان قىلغان مەزكۇر خىتابنامىنىڭ پرىنسىپلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن يولغا قويىدىغان بىر مېخانىزم بەرپا قىلىش تەكلىپى بېرىلگەن.
ھېنري شاجەفىسكى: " خىتابنامىنىڭ ئورنىنى خىتابنامە ھۆججىتىدىن قانۇنىي ھۆججەتكە ئۆستۈرۈش تەكلىپى بەردۇق"
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ھېنري شاجەفىسكى بۇ جەھەتتە توختىلىپ مەزكۇر خىتابنامە بىر خىل يۇمشاق خەلقئارالىق قانۇن بولغاچقا مەجبۇرلاش كۈچىنىڭ زو بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ب د ت غا مەزكۇر خىتابنامىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى: " بىز ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر تەكلىپ بولسا، بۇ خىتابنامىنىڭ ئورنىنى خىتابنامە ھۆججىتىدىن قانۇنىي ھۆججەتكە ئۆستۈرۈش. بۇنداق دېگەنلىك ب د ت شۇندىلا بۇ خىل قانۇننى يۈرگۈزۈش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ ھەمدە خىتايمۇ بۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويغانلىقى ئۇچۇن ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا قىستىلىدۇ."
ھېنري شاجەفىسكى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەرلىك خەلقنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى يۈرگۈزۈش ئالدىنقى سېپىگە ئېلىپ كېلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئۆزلىرى تەييارلىغان بۇ دوكلاتنى ب د ت نىڭ مۇناسۋەتلىك ئورگانلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.