0:00 / 0:00
يېقىندا فرانسىيىلىك تەتقىقاتچى مارك بويلى ئەپەندى فرانسۇس تىلىدا يازغان "خىتاينىڭ قارنى" ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. ئۇ كىتابىدا خىتاينىڭ تاملىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەت ۋە تائاملارغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە سىياسىي ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ كانادانىڭ فرانسۇزچە سۆزلىشىدىغان كۈبەك شىتاتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتتۇرسۇن ئەپەندى بىلەن مەزكۇر كىتاب ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.