«يېڭى دۇنيا قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتاب نەشر قىلىندى
2012.08.31
465 بەتلىك بۇ كىتاب 5 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمى غەربنىڭ شەرقىي، يېڭى رىم، بالقانلار مەسىلىلىرى، تۈركىيە، شەرق ۋە غەربنىڭ چېگرا رايونى. ياۋروپانى كېڭەيتىش دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كىتابنىڭ 2-بۆلۈمىدە بولسا «يىپەك يولى ۋە بۈيۈك ئويۇن. بىر زامانلاردا رۇسىيە. تىبەت ۋە شىنجاڭ يېڭى بومبا پەردىسى. قازاقىستان خۇشاللىق تۇرۇبا لىنىيىسى دېمەكتۇر. قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ھەر نەرسىگە ھاكىم، ھېچ نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر. ئافغانىستان ۋە پاكىستان: جەنۇبىي ئوتتۇرا ئاسىيانى تىز چۆكەرتمەك» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار بار.
كىتابنىڭ 3-بۆلۈمى بولسا «ئويۇننىڭ يېڭى قائىدىلىرى» ۋە باشقا تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە مېكسىكا، ۋېنسۇئىلا، كولومبىيە، برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنانىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان.
ئاپتور كىتابنىڭ 4-بۆلۈمىدە بولسا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ۋە ئىراننىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان.
كىتابنىڭ 5-بۆلۈمىگە «ئاسىيالىقلار ئۈچۈن ئاسىيا» دەپ تېما قويۇلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈم، «خىتاينىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى مەنپەئىتى. مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە، بۈيۈك خىتاي ئورتاق ياشاش رايونى. بىرما، تايلاند ۋە ۋيېتنام، ئىچكى ئۈچ بۇلۇڭ» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەزكۇر بۆلۈمدە ئاساسلىقى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىنغان.
ئاپتور بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان:
«بۈگۈنكى كۈندە تىبەتنىڭ ئازادلىق چۈشەنچىسىنى قوللىمايدىغان بىرمۇ غەربلىكنى ئۇچرىتىش قىيىن بولىدۇ. بىراق، ئامېرىكىلىقلار تېكساستىن ياكى كالىفورىيىدىن ۋاز كېچەرمۇ؟ بۈيۈك ئويۇن خىتايغا يا نەتىجە يا پايدا بەرمىدى. ئەمما ئوخشاش سۆزنى، رۇسلار ۋە ئىنگلىز لار ئۈچۈن سۆزلەش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە بۇ ئويۇندا غەلىبە قىلغان خىتاي ئىدى. 1895 -ۋە 1907-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان چېگرا كېلىشىمىدە رۇسىيىگە پامىر تاغلىرىنى بېرىۋېتىپ، رۇسىيە ئۈچۈن ئەنگلىيىگە قارشى بىر مەلھەم بولغان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى خىتاي چېگراسىغا ئۇدۇل چىقىدىغان تار بىر ئۆتكەل بولغان ۋاخان كارىدورىنى چېگرا قىلىپ بەلگىلىدى. ئەمما ئىنگلىزلار شەرقىي تۈركىستاننى رۇسىيىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا خىتايغا بەردى ۋە خىتاينىڭ ئۇ رايوننى قايتىدىن ئىشغال قىلىشى ھەم بۇ يەردە ‹شىنجاڭ› يەنى ‹يېڭىدىن سۈمۈرۈلگەن تۇپراق› مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. غەربىي تۈركىستان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پارچىلانغان بولسىمۇ، خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ئىزچىل ھالدا ئەڭ چوڭ ئىككى رايون بولغان شىنجاڭ ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ئەنئەنىۋى ھاكىمىيىتىنى قوغدىماقتا. تىبەت ۋە شىنجاڭ بولمىسا خىتاي، روكىي تاغلىرىنىڭ غەربىدىكى رايوندىن مەھرۇم قالغان ئامېرىكىغا ئوخشاش بىر دۆلەت بولاتتى. يەنى چوڭ ئويۇن ۋە يىپەك يولى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ يىپ ئۇچى رولىنى ئوينايدىغان بىر جەريان خىتاينىڭ غەربىي چېگراسىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانى بىلەن باشلاندى.»
كىتابتا يەنە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
«تىبەت ۋە شىنجاڭنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇۋاتقان خىتاي، بەش تەرەپلىمىلىك بىر ئىستراتېگىيە يۈرگۈزۈپ، غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەشنى داۋام قىلماقتا. رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە چوڭ تۆمۈر يولى ئىش-پىلانىغا رەقىب بولغان ياۋروپا-ئاسىيا كۆۋرۈكى، قازاقىستاندىن كاۋكاز دېڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۆمۈر يول ياساش ۋە تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇش، قىرغىزىستاندىن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتكە سوزۇلغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇق يولى ياساش، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاندىن ئىران ھەم تۈركىيىگە تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك چوڭ يول ياساش ۋە قاراقۇرۇم قۇرۇقلۇق يولىنىڭ پاكىستاننى بويلاپ ئەرەب دېڭىزىدىكى گۇۋادىر پورتىغىچە كېڭەيتىلىشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.»
كىتابتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ۋە شىنجاڭنى ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە زىيارەت قىلغان ھەر قانداق ئىنسان خىتاي ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئېچىنىشلىق ھەقىقىتىنى بىلىدۇ. 1949-يىلى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي شىنجاڭ رايونىنىڭ چەكسىز قۇملۇق ۋە تاغ ئۆڭكۈرلىرىگە سوقۇلۇپ كىرىپ ئۇ يەردىكى كۆپ تەبىئىي بايلىقلارنى سۈمۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ يەردە ھەربىي مەشىق قىلىدىغان بازىلار ۋە ۋە قورال سىناق قىلىش مەيدانلىرى قۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇرۇش مەھبۇسلىرىنى جازالايدىغان جازا لاگېرى قۇردى. خىتايغا پاتمىغان نوپۇسى ئۈچۈن يېڭىدىن ياشايدىغان ماكان قۇرۇشقا باشلىدى. ھەم تىبەت ھەم شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ ئېھتىياجى بولغان بايلىق مەنبەلەرگە ئىگە بۆلىشى ۋە خىتاينىڭ ئېھتىياجى بولغان مەنبەلەرگە كېتىدىغان يول ئۈستىگە جايلاشقانلىقتىن ئىبارەت بىر بەختسىزلىكى بار. تىبەتتە كۆپ مىقداردا ئوران ۋە ئالتۇن بايلىقى بولسا، شىنجاڭدا ئۆلكىنىڭ ئەڭ كۆپ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئوران ۋە ئالتۇن قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرى بار. ھەر ئىككى رايون، خىتاينىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان تىجارەتنىڭ سىرتقا ئېقىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئىچىگە ئېقىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر جۇغراپىيىلىك دەرۋازىسى بولۇپ قالدى.»
ئاپتور كىتابتا خوتەننىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان:
«خوتەن كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەن خىتاي ساقچىلىرىنى كۆرگەن خوتەن خەلقى غەزىپىنى ئىچىگە يىتىپ جىم بولۇپ قالىدۇ، بىر زامانلار بۇددىزمنىڭ دۇنياغا تارقىلىش مەركىزى ۋە يىپەك تاۋارلارنى ئىشلەپ چىقىرىش مەركىزى شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلەردە ئىسلام مەدەنىيەت ئۆگىنىش مەركىزى بولغان خوتەن شەھىرى، بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيىنىڭ قازان شەھىرىگە ئوخشاش، دەۋەتسىز مېھمانلار كېلىپ پۈتكۈل يەرلىك خەلقنى نازارەت ئاستىغا ئالغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىر زامانلار قىممەتلىك قاشتېشى بازىرى بولىدىغان بازار ھازىر چىرىپ كەتكەن ئوتۇن ساتىدىغان بازارغا ئايلىنىپ قالغان.»
ئاپتور كىتابتا يەنە قەشقەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان:
«ھەم قەدىمى تۈركىستاننىڭ پايتەختى ھەم تارىخى يىپەك يولى ئۈستىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەللەردىن بىرى ۋە قىرغىزىستان چېگراسىغا يېقىن بولغان قەدىمى قەشقەر شەھىرى، خىتاينىڭ سانائەتلەشكەن شەھىرىگە ئايلىنىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك تىجارەت مەركىزىنى بۇزۇپ، چوڭ ھەجىملىك تىجارەت مەركىزى ھالىغا كەلتۈرۈلدى ۋە بازار ئىگىلىكىنى خىتايلار كونتروللۇق ئاستىغا ئالدى. قەشقەردە كۆپ سانلىق نوپۇسنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلسىمۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا دەرس ئوقۇيدۇ. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلەردە كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە چەتكە قېقىلغان بىر ھالەتتە قالغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالغان. بۇلار كەچلىك بازاردا دورا -دەرمان سالغان مەززىلىك ئۇيغۇر ئۈگرىسى سېتىش ۋە سېرك ئويۇنلىرى كۆرسىتىشتىن باشقا ھېچ قانداق ئورۇندا ئىشلىيەلمەيدۇ، ئۇلارغا ئىشلەيدىغان خىزمەت بېرىلمەيدۇ. كۆپلەپ ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلىرى رايوندىكى تەبىئىي گۈزەللىك بار ئورۇنلارنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ، ئەمما زۇمرەت رەڭلىك جەننەت كۆلى جەننەت گۈزەللىكىنى يوقىتىپ قويۇشقا يۈزلەنگەن.»