گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە ھەر يىلى ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان باش شتابى فرانكفورت شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۇلتۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار خېلىلا قىزىقىش قوزغىغان. كىتاب يەرمەنكىسىگە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات سورىغان ۋە ئۇچۇر ئىگىلىگەن.

بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، فرانكفورت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ئەجىر سەرپ قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۇلتۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە بولغاي.