ئۇنىڭغا قاتناشقان رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قىرغىزىستان، ئەرمىنىيە، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتلىرى تەشكىلات ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان.
«كازاخستانسكايا پراۋدا» گېزىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىر قاتار مەسىلىلەرنى، شۇ جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چىقىرىشى، تەشكىلاتنىڭ جاۋابكارلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش، خەلق ئارىلىق تېررورچىلىق خەۋپىنىڭ كۈچىيىشى، قانۇنسىز قورال-ياراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ ئاخبارات بىخەتەرلىكى بويىچىمۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ھازىرقى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە مۇنداق مەسىلىلەرنى كېچىكتۈرمەي ھەل قىلىشتا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ چوڭ كۈچ چىقىرىش ھاجەتلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-بىز بۈگۈن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇراقلىقى ئۈچۈن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق خاراكتېرگە ئىگە خەۋپلەرگە ئوخشاش مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە يىغىلدۇق. بۇنىڭدىن تاشقىرى، تەشكىلات قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا تۇغۇلۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە تەشكىلات پائالىيىتىنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئايان بولماقتا.
شۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئالغان تەشكىلاتنىڭ بۇ يىلقى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغۇچى بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇتۇقلار تىلەپ، خەلقئارا مەيداندا قېلىپلاشقان بەزى مەسىلىلەرنى بۇ تەشكىلات دائىرىسىدە مۇھاكىمە قىلىشنىڭ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەر بىر قاتناشقۇچىسىنىڭ تۇتقان مەۋقەسىنى ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
ئۇچرىشىش داۋامىدا، بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقا ھەم يېقىن شەرق ۋەزىيىتى، شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىكنى تەمىنلەش بويىچە تەشكىلاتنىڭ تۇتقان مەۋقەلىرى ۋە بېلورۇسىيىنىڭ تەشكىلاتنى راۋاجلاندۇرۇش بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، ئۇچرىشىشنىڭ بەزى نەتىجىلىرىنى بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو ۋە تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى نىكولاي بورديۇژا ژۇرنالىستلار ئالدىدا بىلدۈرگەن.
ئا. لۇكاشېنكو تەشكىلاتنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىر قارارغا كەلگەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ ئېنىق ئىش-ھەرىكەتلەرگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى، ھەر بىر قاتناشقۇچىنىڭ ئۆز ئىشىغا جاۋابكارلىق بىلەن قارىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تەشكىلات ئىچىدە ئورۇن ئالغان بەزى ئىچكى كامچىلىقلارنىمۇ كۆرسەتكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەشكىلات رەھبەرلىرى دەسلەپكى قېتىم قازاقىستاننىڭ بوروۋوئې رايونىدا، ئاندىن قىرغىزىستاننىڭ چولپان-ئاتا، شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئەرمىنىيە پايتەختلىرى موسكۋا ۋە يېرېۋان شەھەرلىرىدە ئۇچراشقان.
پەقەت كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى دائىرىسىدىمۇ مەملىكەتلەر رەھبەرلىرى ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تۇراقلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش نىيىتىدە بولماقتا.
«كومممېرسانت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «بىرلەشمە ئىنقىلابقا قارشى تەشكىلاتقا ئايلانماقتا» ماقالىسىنىڭ ئاپتورى ئالېكساندىر گابۇيېف ئاستانا ئۇچرىشىشى نەتىجىلىرىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: بىرىنچىدىن، ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى تەشكىلاتنى «رەڭلىك ئىنقىلابلار» يولىدىكى قوغداش قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇشقا كېلىشتى، ئىككىنچىدىن، تەشكىلات ئەزالىرى ئەرەب مەزمۇنىدىكى تەرتىبسىزلىكلەرنىڭ باشلىنىشى تەقدىرىدە ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ كۈچلىرىنى مۇستەھكەملەش قارارىغا كەلدى. ماقالە ئاپتورى شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەرنى كۆرسىتىپ، غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بىرەر قارار قوبۇل قىلىش ۋە ھۆججەتكە قول قويۇش شەرتىنىڭ پىلانلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئالېكساندر گابۇيېف مەزكۇر ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرىنى ھاكىمىيەت ئۈستىدە ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تۇنىس، مىسىر ۋە لىۋىيە رەھبەرلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ھەمدە قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ تەختتە 20 يىل، تاجىكىستان ۋە بېلورۇسىيە پرېزىدېنتلىرىنىڭ 17 يىل ئولتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ شۇنداقلا ئانالىزچىلارنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىنقىلابلارغا قارشى مۇستەھكەم ئىتتىپاق قۇرالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.