كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

7 - نويابىر كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا "خىتاي، مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار" ماۋزۇسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىننى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى "ئىچكى ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيەتلىرى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى" مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كەچ سائەت 6 دىن 8 غىچە داۋاملاشقان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۆت نەپەر ئۇيغۇرشۇناس ئۆز مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى

7 - نويابىر كۈنى نيۇيورك شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، دوكتور گاردنېر بوۋىڭدون ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي ھاياتى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پاكىتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى تۈپەيلىدىن خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە مەخسۇس يېزىلغان ئىككى پارچە تارىخ كىتابىنىڭ ئاپتورى دوكتور جەمىس مىللىۋارد خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئىمپېرىيىلىك سىياسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مەنچىڭ دەۋرىدە ھەتتا ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر يۇقىرى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۆز مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى شون روبېرت بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئومۇمىي ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى مەسىلىسى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مىللىي كىملىكىنىڭ راۋاجلىنىشىنىڭ ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتتە ياشىشىدىن قەتئىي نەزەر ئورتاق مىللىي كىملىك ۋە مىللىي روھقا ئىگە بولۇشىدا ئاساس بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقى، ئۇيغۇر مەنبەلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىقنى ئۈنۈملۈك تەتقىق قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ شەكىللىنىشى شۇنىڭدەك مىللەتپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم تېماتىك مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى.

بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇھاكىمىلىرىدىن كېيىن، كەڭ دائىرە بويىچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، سوئال - جاۋابلار ھەم مۇنازىرىلەر قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋاملاشتى.

مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە سۈپەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روبېرت بارنېت ئەپەندى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: "بۇ بىر يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولدى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنىڭدىن 10 - 15 يىللار ئىلگىرى غەرب ئالىملىرى پەقەت ئىلمىي سوئاللارنىلا ئوتتۇرىغا قوياتتى، تارىخچى بولسا، تارىخىنىلا مۇزاكىرە قىلاتتى. بۇنداق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان سوئاللار پەقەت ئاكادېمىك دائىرىدىلا بولاتتى، ھازىر بولسا، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارمۇ بەك كەڭ بولدى، مۇزاكىرە قىلىش قىزغىن بولدى، بۇ بىر زور ئۆزگىرىشتۇر. ھازىر غەرب ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىمۇ ئاشماقتا. بۇنداق ئىلمىي مۇنازىرىلەر غەرب ئالىملىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ."

نيۇيوركتا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى غولامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىدىنلا مۇنداق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا كۆپ قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقىدەك يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە قىزغىن كەيپىياتلىق مۇھاكىمە پائالىيىتىنى كۆرمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كۆپ ئادەم قاتناشقان پائالىيەت

يىغىنغا، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، پروفېسسورلىرى، نيۇيورك، بوستون ۋاشىنگتون، نەۋ جېرسىي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر تېمىسىغا قىزىققۇچى ۋە ھەم شۇغۇللانغۇچى تەتقىقاتچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم. ھەتتا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن، ئورۇن تەگمەي، كۆپلىگەن كىشىلەر يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىغان.

يىغىنغا قاتناشقان كەشمىرلىك مۇھەممەد ئىسىملىك بىر مۇتەخەسسىس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەشمىر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتى بارلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تېمىسىغا ئائىت بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، كۆپ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى؛ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرسام، مەن كەشمىرنىڭ گىلگىت رايونىدىن كەلگەن، مېنىڭ ۋەتىنىم گىلگىت ۋە ياكى بالتىستان دەپ ئاتىلىدۇ، مېنىڭ ۋەتىنىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان زىچ مۇناسىۋەتلىك، تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان بىلەن گىلگىت خەلقى يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەن. بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، مەدەنىيەتلىرىمىزدە زور ئوخشاشلىقلار بار. ئەمەلىيەتتە، كەشمىردىكى بالتىستاننىڭ ئەھۋالى شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئوخشاش، مەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىپ، بىزنىڭ ئارىمىزدا زور ئورتاقلىقلار بارلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە كۆپ نەرسىلەرنى چۈشەندىم. بۇ بەك بىر پايدىلىق ھەم ئىلمىي سۈپىتى يۇقىرى مۇھاكىمە يىغىنى بولدى."

مۇھەممەد ئەپەندى ھەتتا تارىخىي نۇقتىدىن كەشمىرنىڭ گىلگىت رايونىنىڭ 16 - ئەسىرلەردىكى قەشقەر خانلىقى يەنى سەئىدىيىلەر خانلىقىغا تەۋە بولغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاتاقلىق تىبەتشۇناس پروفېسسور روبېرت بارنېت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تېمىلىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ پۇل تېپىپ، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى، موڭغۇل تىلى ئۆگىنىش پروگراممىلىرى ئېچىش پىلانىمىز بار، لېكىن ھازىرقى ئىقتىسادىي سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇ ئىشلار بىراز كېچىكتى، ئەمما پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز."

يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان داررېن ئەپەندى بولسا، بۇ يىغىنغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تېمىسىدا مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: "بىز ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ پائالىيەتنى بەك ياخشى كۆردۇق، ياخشى پائالىيەت بولدى، بىراق ھازىرچە يەنە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت يەنە باشقا پائالىيەتلىرىمىز يوق، بىراق، بۇنىڭ يەنە بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىز پەقەتلا ئۇيغۇرلارغىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ ئىچكى ئاسىياغا ئائىت كۆپلىگەن پائالىيەت پىلانلىرىمىز بار، مەسىلەن كېلەر مەۋسۈمدە، ئافغانىستاندىكى خازارلار مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئىلمىي نۇقتىدىن مۇزاكىرە قىلىدىغان بىر قاتار پائالىيەتلىرىمىز بار."

يىغىننى ئۇيغۇرلار يېقىندىن قوللىدى

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى نيۇيورك، نېۋجېرسىي ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكە بولۇپ، يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قاتناشقۇچىلار نيۇيوركتىكى ئۇيغۇرلاردىن روزاخۇن ۋە مۇھەممەدجانلار تەييارلاپ كەلگەن تۈرلۈك ئۇيغۇرچە تائاملارغا ئېغىز تەگدى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمۇ نامايەن قىلىندى.