ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى چارشەنبە كۈنى "ئۇيغۇرلار - بىر زىيانكەشلىكنىڭ تارىخىي" دېگەن تېمىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارىشى ۋە پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەركىپىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دېلېيخۇنت ئەپەندى رىياسەتچىلىكىدىكى يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مەسىلىلەر، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىندى.

دېلېيخۇنت يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا يىغىننىڭ چاقىرىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "بۈگۈن بىز تۇنجى قېتىم جىددىي بىر يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرلار خىتايدا ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە شۇنداقلا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئىگىلەيمىز" دەپ كۆرسەتتى.

يىغىنىدىكى سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن دېلېيخۇنت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئىرقىي تازىلاش كاتىگورىيىسىگە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تىزىملىكى ناھايىتى ئۇزۇن. بۇ، ئاياللارنى سېستىمىلىق دەپسەندە قىلىش، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بىر پەرزەنتلىك سىياسىتىگە ئاساسەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى مىللىي پەرقنى چىقىش قىلىپ، پۈتۈن بىر ئىرقنى ياكى پۈتۈن بىر مىللەت كىشىلىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىرقىي تازىلاش ۋاستىلىرىنى قوللاندى. دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر ۋە دىندارلارنى تۈرمىگە تاشلاش خىتايدىكى مەۋجۈت ئومۇمىيۈزلىك ئېغىر مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ."

ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئىسپات بەرگەن زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ تەرجىمانلىقىدىكى گۇۋاھلىقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە قارىتىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررورلۇق قارىلاشلارنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تەرىپى بۇ تۈرلۈك قارىلاش، قولغا ئېلىش ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىدە پاكىت ئاساسى يوقلۇقىدۇر. ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىتلارنىڭ دىلوسىدا ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بايانى ھۆكۈمەتنىڭ دېگەنلىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىز خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سوتتا بۇ پاكىتلارنى نەزەرگە ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى بىلمەيمىز" دېدى.

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يىغىندا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى. چۈنكى بۇ يىغىن تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتى گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھراباكېر بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، "بۇ ئۇيغۇرلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇلار دوستانە، ئامېرىكىغا قايىل كىشىلەر ئىدى. ئۇلار خىتاي خەلقىنى سوراۋاتقان بېيجىڭ دىكتاتۇرلىرىنىڭ دۈشمىنى. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالدى. بۇش ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى گۈەنتاناموغا سولاپ، ئۇلارنى تېررورچىلار كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزگەن، بۇ خىتاي دىكتاتۇرلىرىغا خوشامەت قىلىش، ئىراق ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت چاكىنىلىقنىڭ مەھسۇلى" دەيدۇ.

روھراباكېر، بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە قارشى چىققانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ يەنە بىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىس فەلىس گەئېر خانىم. ئۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئاڭنى ئاجىزلىتىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گەئېر خانىم، " خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تىنچ دىنىي پائالىيەتلەر ۋە دىنىي ئىپادىلەرگە قاراتقان چەكلىمىسى زىيادە قاتتىق ۋە ئىپتىدائىي. شىنجاڭدىكى دائىرىلەر ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بۇ يېڭى تەدبىرلەر ئاياللار ۋە ياشلاردىكى دىنىي ئاڭنى ئاجىزلىتىش ھەرىكىتى، سىياسىي ئۆلچەمگە توشمىغان دىنىي ئۆلۈمالارنى چەتكە قېقىش، ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلدە نازارەت قىلىش، 'قانۇنسىز دىنىي كىتاپلار'نى مۇسادىرە قىلىش ۋە 'قانۇنسىز دىنىي مەركەزلەرنى پىچەتلەش قاتارلىقلارنى ئۆ ئىچىگە ئالغان" دەپ كۆرسەتتى.

فېلىس گەئېر خانىم دۆلەت مەجلىسىگە،خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىش، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى كۈچەيتىش، ئامېرىكا ب د ت نىڭ ئومۇميىغىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەردى.

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى كارا ئابرامسوم خانىم بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈردى. كارا ئابرامسون خانىم مۇنداق دەيدۇ": بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى خەنزۇلاردىن پەرقلەندۈرگىنىدەك، بۇ رايوننىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتايدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى خاتىرىلەش مۇھىم. بۇگۈن خىتاينىڭ بىر قىسىمى بولغان بۇ جاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىرادىسى ئىپادىلىگەنگە قارىغاندا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 1949 ‏ - يىلدىكى كۇچ - قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شەرت ‏ - شارائىتلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ رايوننى - مىللىي ۋە دىنىي كىملىك جەھەتتىكى پەرقى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا رىقابەت پەيدا قىلىدىغان، مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرنىڭ يوشۇرۇن مەنبەسى، دەپ قارايدۇ."

رابىيە قادىر خانىم بولسا، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خىتاينىڭ "كۆچمەنلەرنى زور كۆلەملىك يۆتكەپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا يۆتكىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى، بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىقلار ئورنىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، " ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادى ئىستراتېگىيە بىلەن مەدەنى ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى تەڭ يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلاشتۇرۇشنى ئاكتىپ يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىكى دىنىي ئېلمېنتلار قانۇنسىزلاشتۇرۇلدى، چەكلەندى ياكى خۇنۇكلەشتۈرۈلدى" دەپ سۆزلىدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىغا، ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىش، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىشخانىسى قۇرۇش، خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تېررورچىلىقى ھەققىدىكى قارىلاشلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەردى. تۆۋەندە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ھەققىدىكى بايانىغا قۇلاق سالايلى.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن زاتلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا كىرىشتايىن ۋە ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەلدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقات ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي شەھەرلىرىدە ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويدى. ئۇيغۇرلار تۇرقى ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبى ئاسانلا بايقىۋېلىنىدىغان ۋە زەربىگە ئۇچرايدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالماقتا" دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەكلىپلەرنى بەردى. بۇ تەكلىپلەر ئامېرىكىنىڭ يېڭى باش ئەلچىسى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئائىلە ‏ - تاۋاباتلىرىنى يوقلاش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مائارىپ پروگراممىسى يولغا قويۇش، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.