0:00 / 0:00
ئەنگىلىيە خان جەمەتى سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا، "تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىڭ يىللىق سەپىرى" ناملىق كۆرگەزمە، ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئېچىلدى.
تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆرگەزمىدە كۆك تۈرك، ئۇيغۇر، سالجۇق ۋە ئوسما تۈركلىرى مەزگىلىگە ئائىت يادىكارلىقلار قويۇلغان ئىكەن.
بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم لوندونغا تېلېفون ئۇرۇپ، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى كومىتېت ئەزاسى، ئىستانبۇل ئۇنۋەرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس ئوسمان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.