لوندوندا ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىندى

0:00 / 0:00
Merwayit-Hapiz.jpg
تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت خانىم

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خەلقئارا پاناھلانغۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.

ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋەكىللىرى پائالىيەت داۋامىدا تونۇلغان رەسسام، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان مەرۋايىت ھاپىز، مەرھۇم رەسسام ئەكبەر مىجىت، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام ئۆمەرجان كەرىموف قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندىكى پائالىيەت مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ، ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى باشلىقى بەختىيار ئەپەندى ۋە تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت خانىم بىلەن سۆھبەتلەشتى.