خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كۈچلۈك ئاخبارات ئورنى قۇرۇش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدە نېمىلەرنى نىشان قىلىدۇ؟
2012.05.10
خىتاي مۇخبىرلىرىدا ھەق ئېلىپ تەشۋىق قىلىدىغان، پۇل بىلەنلا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلىدىغان ئىشلار ئادەتكە ئايلانغانلىقى مەلۇم. 3-ماي خىتاي ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى، 15-مايدىن 15-ئاۋغۇستقىچە مەملىكەت بويىچە بۇ خىل ئاخبارات ئالدامچىلىقلىرىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر ئېلىدە «كۈچلۈك ئاخبارات ئورنى قۇرۇش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۇ خىل ئاخبارات ئالدامچىلىقى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى، چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاخباراتچى ۋە زىيالىيلاردا گۇمان قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرماقچى بولغان، مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلىنىدۇ. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق تەشۋىقات ئورۇنلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا قاراتقان بۇ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە، خىتايدىكى بارلىق ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ ناچار قىلمىشى بار مۇخبىر-مۇھەررىرلەرنى ئىشتىن قەتئىي بوشىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇخبىرلارغا قارىتىلغان كونكرېت تەكشۈرۈش دائىرىسى، مۇخبىر، مۇھەررىرلەردە زىيارەت ئوبيېكتىدىن پۇل ۋە ماددىي بويۇم ئېلىش، ئاكسىيە ئېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، ئېلان ياكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى قۇرغان- قۇرمىغانلىقى، ئىجتىمائىي ۋاسىتىچىلىك قىلغان-قىلمىغانلىقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى، ئىجابىي ياكى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان سەلبىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشنى دەستەك قىلىپ زىيارەت ياكى خەۋەر ئوبيېكتىدىن ھەق ئالغان-ئالمىغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن. مۇشۇلارغا ئاساسەن ھەر قايسى دەرىجىلىك ئاخبارات نەشرىيات ئورۇنلىرى مۇخبىر-تەھرىرلەرنىڭ ناچار كەسپىي قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەش چارىسىنى يولغا قويۇپ، مۇخبىرلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.
ئىلگىرى ئىلى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان راھىلە خانىم، خىتايدىكى نەشرىيات ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى بۇ خىل قانۇنسىزلىق كەسپىي ئەخلاققا يات قىلمىشلارنىڭ بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرىلا ئەۋج ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئوخشاش مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ ئامىلنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئاخباراتقا ئەركىنلىك بەرمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلارغا قارىتىلغان بۇ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش نىشانىنى قانۇنسىز ۋە كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىگە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدىن، بۇ قېتىمقى تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە ۋەزىپە نىشانىغا قارىتا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن «كۈچلۈك ئاخبارات ئورنى قۇرۇش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ئۇ «شىنجاڭدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى پارتىيىنىڭ ساداسىنى يەتكۈزىدىغان مۇھىم كۈچكە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تۈگىتىدىغان جامائەت پىكرى ئىستىھكامىغا ئايلىنىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ سابىق مۇنەۋۋەر مۇخبىرى، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئەنىۋەر ئەخمەت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا قاراتقان مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا قارىتىلغاندا، ئىلگىرىكىدەكلا مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك، كەسپىي ساپاسى، ئەخلاق ساپاسى يۇقىرى، چىنلىقنى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، غېمىنى يەتكۈزەلىگەن جۈرئەتلىك ئۇيغۇر مۇخبىرلارنىڭ يىقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دەرۋەقە جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۈچلۈك ئاخبارات ئورنى قۇرۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىدا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى «كۈچلۈك ئاخبارات ئورنى قۇرۇش» تىن ئايرىلغاندا پارتىيە گېزىتى، پارتىيە رادىئوسى، پارتىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاساسىي ئېقىمىدا سۆز بايان قىلالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشالمايدۇ، ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىك ئورنىدىن قالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.