قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشتىكى تارىخىي باسقۇچلار

ئۇيغۇرلار قۇرئان كەرىمنى ناھايىتى بەك ئۇلۇغلايدۇ. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتمايدۇ، تاھارەتسىز ئوقۇمايدۇ. ئۇنى ئوقۇغاندا ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۆكسىنىڭ ئۈستىدە ئېگىز تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇنى ساقلىغاندىمۇ ئۆيلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا قويۇپ ساقلايدۇ. قۇرئان ئوقۇلغان جايدا ئەدەب بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇنى ئىخلاس بىلەن تىڭشايدۇ.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغلاردا، ئاتا - ئانىسىنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلغانلىرىدا، بىر - بىرىنىڭ مۇسىبەتلىرىگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىرىدە ئالدى بىلەن قۇرئان ئوقۇپ ئاندىن دۇئا قىلىدۇ. قىز - ئوغۇللىرىنىڭ نىكاھلىرىنى ئوقۇشنىمۇ قۇرئان ئوقۇش بىلەن باشلايدۇ. ھەتتا كۈندىلىك نامازلىرىنى قۇرئان سۈرىلىرىدىن بىر قانچە سۈرە ئوقۇماستىن ئادا قىلالمايدۇ. دېمەك، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.

قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقتىن ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە بۇ مۇھىم كىتابنىڭ مەنىسى بىلدۈرۈش يولىدا بارچە مۇسۇلمان قەۋملەر ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ قەلەم تەۋرەتكەن كىشىلەردۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشىدىكى ئۇزۇن تارىخىي باسقۇچلار ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" قۇرئان كەرىم ئىسلام ئەھلىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى. قەيەردە مۇسۇلمان بولىدىكەن، شۇ يەردە چوقۇم قۇرئان كەرىم بولىدۇ. ئىشەنچلىك تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىچىدە قۇرئان كەرىمنى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە قىلغان خەلق ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدە قۇرئان كەرىمنى دەسلەپ شەرھلەپ چۈشەندۈرگەن كىشى مەشھۇر ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئۇستازى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف قەشقىرىي دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ زات قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد خانلىرىنىڭ مەنىۋى داھىسى، شۇنداقلا تونۇلغان مۇدەررىس ئىدى. ئۇ ئۆمرى ئىچىدە 200 پارچىدىن كۆپرەك كىتاب يازغان، ئۇنىڭ بىرقانچە پارچە ئەسىرى " تۈرك تىللار دىۋانى"دا نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار قۇرئان كەرىمنى شەرھ ئارقىلىق چۈشىنىشتىن باشقا ئۇنى ئەرەب تىلىدىن ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چۈشنىشتىمۇ ئالدىنقى خەلق بولغان. 12 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەرجىمە نۇسخىسىنى 1333 - يىلى مۇھەممەد ئىبنى دۆلەتشاھ دېگەن كىشى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە نەپىس ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان بولۇپ، جەمى 902 - بەت، ھەر بىر بېتىدە توققۇز قۇر خەت بار، مەزمۇنى تولۇق، ئەرەب تىلىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئاستىغا قىزىل سىياھ بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يېزىلغان. بۇ نۇسخا ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى تۈرك ۋە ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئەپسۇسكى بۇنى كىم، قەيەردە، قاچان تەرجىمە قىلغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلارنىڭمۇ تەرجىمانلىرى ئېنىق ئەمەس. بۇلار ھازىر لوندون ۋە تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن".

17 - ۋە 20 - ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى قۇرئان نۇسخىلىرى

ئابدۇراھمان ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" قۇرئان كەرىم 17 - ئەسىردىن 20 - ئەسىرگىچە يەنە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: 1735 - يىلىدىن 1756 - يىلىغىچە يەركەنت ھۆكۈمدارى بولغان خوجا ياقۇب دۆلەت خىراجىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد سادىق قەشقىرى دېگەن كىشىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. قاغىلىقتا ئۆتكەن داڭلىق ئۆلىما ھۈسەينخان تەجەللى 1910 - يىلى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى ئىشلەپ چىققان. تەجەللىينىڭ شاگىرتلىرىدىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان ئالىم مەرھۇم ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم " تەجەللى - مۇجەللى"ناملىق ئەسىرىدە ئېيتىشىچە، ھۈسەينخان تەجەللىي بۇ تەپسىرنى ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللام، ھۈسەين باي ۋە باۋۇدۇن بايلارنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان ئىكەن. يەنە شۇ يىلى چۆچەكتە يۈسۈپ داموللام دېگەن كىشىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىنى ئىشلەپ چىققان ئىكەن. شەمسىدىن داموللام تەجەلىينىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن، قۇرئاننىڭ تەپسىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىشلەپ چىققان. بۈيۈك ئىنقىلابچى سابىت داموللام 1937 - يىلى شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ چىققان " روشەن بايان - تۈركىي تەپسىرۇل قۇرئان" دېگەن نامدىكى ئۇيغۇرچە تەپسىر نىڭ 30 - پارىسى 1948 - يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ تەپسىرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى سابىت داموللامنىڭ غۇلجىدىكى ئوغلى ئابدۇللا 1961 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرغان ئىكەن."

ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، 1955 - يىلى مۇھەممەد زىرىپ قارىھاجىم غۇلجىدا "قۇرئان كەرىم تەپسىرى"نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. زىرىپ قارىھاجىمنىڭ 1926 - يىلى قەشقەردە يېزىپ چىققان قۇرئان كەرىمنىڭ "ئەممە پارىسىنىڭ تەپسىرى"ناملىق ئەسىرى 1987 - يىلى قاتاردا فاكسمېل قىلىپ بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن 2003 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان " قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى" ئىشەنچلىكلىكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلىكى بويىچە چۈشىنىشلىك ئىشلەنگەنلىكى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان ۋە چەتئەللەردىمۇ نام چىقارغان.