مەزكۇر مەركەزنىڭ باشلىقى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى: بۇ يىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا تۇنجى قېتىم كىتابلىرىنى تىزىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى، دېدى.
گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان2011-يىللىق خەلقئارالىق فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى ئاياغلاشتى. يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتاب يەرمەنكىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر بۆلۈمىمۇ ئېچىلغان ۋە 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر نەشر بۇيۇمى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر يېمەكلىرى قويۇلغان.
بۇ قېتىملىق فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر شۆبىسى، ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان» ئۇيغۇر نەشرىياتى، قازاقىستاندىكى «تىنچلىق» نەشرىياتى ۋە گېرمانىيىدىكى «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» قاتارلىق ئورۇنلار ئىشتىراك قىلغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «تەكلىماكان» ۋە «تىنچلىق» نەشرىياتى ئۆزى نەشر قىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى يەرمەنكىگە قويغان بولسا، «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» ئۆز ئىلىكىدىكى كىتابلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە لوزۇنكىلار تىزىلغان مەخسۇس تەشۋىقات ئورنى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەرگەن.
كۈرەش ئاتاخاننىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرى تۈركچە چىقىدىغان «ياۋروپا خەۋەرلىرى» گېزىتىگە بېسىلغان.
نەق مەيداندا كىتاب يەرمەنكىسىگە كەلگەن خېرىدارلارغا ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا قاتناشقان «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» نىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئالدىنقى كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار خۇددى باشقا جايلاردىن كەلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەردەكلا مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر نەشر بۇيۇملىرىنى تىزغان.
كۈرەش ئاتاخاننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى كىتاب يەرمەنكىسىگىمۇ يىللاردىكىدەك چوڭ تەييارلىق بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن ماتېرىياللارنى «شىنجاڭ نەشرىياتى» دېگەن كاتېگورىيە ئاستىغا تىزغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان تۇرۇقلۇق، مەزكۇر كاتېگورىيىدە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلارغا ئاساسەن ئورۇن بېرىلمىگەن.
كۈرەش ئاتاخان بۇ ھەقتە توختىلىپ خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى ۋە «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» يەرمەنكە جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، زال ئالدىدا نامايىش شەكلىدە تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان ۋاراقچىلارنى يەرمەنكە تاماشىبىنلىرىغا تارقاتقان.
كۈرەش ئاتاخان بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» نىڭ 4-قېتىم فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.
2011-يىللىق فرانكفورت خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ۋە كىتاب يەرمەنكىسىدىكى ئۇيغۇر كۆرگەزمە ئورنىنى ئالغان ۋە بۇ ئۇيغۇر تىلدىكى كىتابلار كۆرگەزمىسىنى روياپقا چىقارغان ئورۇنلارنىڭ بىرى خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى دۇر.
ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ قەيسەر ئۆزھون ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق نەتىجىلىرى خېلى كۆرۈنەرلىك بولغان. يەرمەنكە جەريانىدا تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنى ئەزەربەيجانچىغا، ساۋۇت ئابدۇراخماننىڭ «ئۇيغۇرنامە» ناملىق كىتابى تۈركچە نەشر قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر بىلەن دەسلەپكى كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقان.
بۇ قېتىملىق خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى 2011-يىلى 12-ئۆكتەبىر باشلىنىپ، 16-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى.