ئۇيغۇر يازغۇچى كۈرەش ئاتاخاننىڭ پىكىر- نەشرىيات ئەركىنلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى
ئولىمپىك مەشئىلى خىتاينىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىرىنچى بېكەت بولىدىغان خوڭكوڭدا مەشئەل پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئاچقان يىغىنى ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-05-01 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولغان جەمئىيەت ئەزالىرى، گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قولىدا خىتاي پاسپورتى بار خىتاي پۇقراسى بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى. بۇ مەسىلە يىغىندا ناھايىتى جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان يازغۇچى كۈرەش ئاتاخانمۇ رادىئومىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر، نەشرىيات ئەركىنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتايدا ھازىر كوممۇنىست پارتىيە تارىخىمۇ چەكلەنگەن رايون
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدا ئېچىلىۋاتقان قەلەمكەشلەر يىغىنىدا، بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خىتايدىكى ئۇچۇر، نەشرىيات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە بولدى. مۇھاكىمىدە مۇستەقىل قەلەمكەشلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مۇھاكىمىدە بېيجىڭدىن كەلگەن ژۇرنالىست گاۋ يۈ خانىم مۇلاھىزىسىدە 'ھازىر خىتايدا تارىختىكى يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى، يەر ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، 4 - ئىيون ۋەقەسى، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك قوغداش ھەرىكىتى قاتارلىقلار ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۈچۈن چەكلەنگەن رايون بولۇپلا قالماي، ھەتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشمۇ چەكلەنمەكتە' دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.